باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۈچ مىنىستىرلىق، كومىتېت خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە چىقارغان يىللىق چىقىمىنىڭ «لاياقەتلىك چېكى»نى بېكىتتى

2016.10.21 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 20- ئۆكتەبىر خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەت باج باش ئىدارىسى يېقىندا «خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرىنىڭ خەير-ساخاۋەت پائالىيىتى قانات يايدۇرۇشتىكى يىللىق چىقىمى ۋە باشقۇرۇش خىراجىتى توغرىسىدىكى بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتلىرى ئارىسىدا ئاشكارا ئىئانە توپلاش سالاھىيىتىگە ئىگە فوند جەمئىيىتىنىڭ يىللىق خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە چىقارغان چىقىمىنىڭ يىللىق كىرىمىنىڭ %70تىن تۆۋەن بولماسلىقى بېكىتىلگەن.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى: خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىگە كېتىدىغان چىقىم خەير-ساخاۋەت تەشكىلاتىنىڭ مەنپەئەتلەنگۈچىگە بېرىدىغان بىۋاسىتە پۇل، مال ياردىمىدىن باشقا، يەنە خەير-ساخاۋەت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش، خەير-ساخاۋەت تۈرلىرىنى يولغا قويغاندىكى كىشىلەرنىڭ ئىش ھەققى، پىدائىيلارنىڭ تولۇقلىما ۋە سۇغۇرتىسى، ئىشلەتكەن ئۆي، ئەسلىھە، ماددىي ئەشيالارنىڭ خىراجىتى ۋە خەير-ساخاۋەت تۈرىنى يولغا قويۇش جەريانىدا شەكىللەنگەن كاماندىروپكا، ئوبوروت، قاتناش، يىغىن، تەربىيەلەش، تەپتىش قىلىش، باھالاش قاتارلىق خىراجەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر