خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد فوتوسى) 18- نۆۋەتلىك جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان، دۆلەت سەنئەت فوندىنىڭ تىياتىر تۈر فوندىغا ئېرىشكەن، شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ئوپېرا ئۆمىكى ئورۇندىغان چوڭ تىپتىكى ئىجادىي مۇزىكىلىق تىياتىر «ئالمىخان ھەققىدە رىۋايەت» 21 - ئۆكتەبىردىن باشلاپ شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتى تەجرىبە زالىدا رەسمىي ئوينىلىشقا باشلىدى.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر تىياتىر شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى بىلەن شاڭخەي تىياتىر ئىنستىتۇتىنىڭ 2014 - يىلىدىن باشلاپ يولغا قويغان ھەمكارلىق تۈرىنىڭ مەھسۇلاتى بولۇپ، بۇ تىياتىر بۇلتۇر ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو شىنجاڭ خەلقئارا ئۇسسۇل بايرىمىدا تۇنجى قېتىم ئوينىلىپ، زور نەتىجە قازانغان. بۇ قېتىم تىياتىرغا يەنە تۆت ناخشا ۋە ئۇسسۇل قوشۇلۇپ، مەزمۇنى تېخىمۇ بېيىتىلغان.
سۈرەتتە: تىياتىردىن كۆرۈنۈش
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى