باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇنازىرىسى بىمەنە ئاياغلاشتى

2016.10.21 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2016- يىلى ئامېرىكا زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ 3- مەيدان، شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان مۇنازىرىسى 19- ئۆكتەبىر كەچتە نېۋادا ئىشتاتى لاسۋىگاستا ئۆتكۈزۈلدى. زۇڭتۇڭ نامزاتى مۇنازىرىسىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى ئەسلىدە سايلىغۇچىلار كۆڭۈل بۆلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق سىياسىي ۋە تۈپ مەسىلىلەر بولۇشى كېرەك ئىدى، ھالبۇكى، بۇ مەيدان مۇنازىرىدە، ئامېرىكىنىڭ دېموكراتلار ۋە جۇمھۇرىيەتچىلەر ئىككى پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ھىلارى كىلىنتون ۋە دونالد ترۇمپ يەنە قىلچە قۇرۇلۇش ئاساسى يوق مەزمۇنلاردا ئۆزئارا ھۇجۇم قىلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سۆز تۆۋەن چېكىنى چۈشۈرۈپ جامائەتچىلىكنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى.

  بۇ مەيدان مۇنازىرىدە، رىياسەتچىلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئامېرىكا فوكس تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى كىرىس ۋاللاسى ئىككى تەرەپكە ئۆكتۈر مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇنىڭدا كىلىنتوننىڭ «پوچتا يوللانمىسى سەتچىلىكى»، ۋىكى لىكس ئېلان قىلغان كىلنتوننىڭ نۇتۇق مەزمۇنى، كۆپ ئاياللارنىڭ ترۇپمنى جىنسىي پاراكەندىچىلىك سالدى، دەپ ئەيىبلىگەنلىكى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بار. بىراق ئىككىلىسىلا بۇ سەتچىلىكلەرگە توغرا ئىنكاس قايتۇرماي، بەلكى ئۆزىنىڭ ئىلگىرىكى «نەتىجىلىرى» نى تەرغىب قىلىپ، قارشى تەرەپنىڭ خاتالىقىنى ئەيىبلىدى.

  ئومۇملاشتۇرغاندا، كىلنتون ۋە ترۇمپ سىياسىي تەشەببۇس جەھەتتە يەنىلا كونا مۇقامنى توۋلىدى. سوئال سوراش جەريانىدا، ئىككىسى كۈلۈپ تۇرۇۋېلىپ سوئالغا جاۋاب بەرمەي، سۆزنى ئۆزىنى ئاقلاش ياكى قارشى تەرەپكى ھۇجۇم قىلىشقا بۇرىدى، رىياسەتچى ئۇلارنىڭ سۆزىنى نەچچە قېتىم ئۈزۈۋەتتى.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر