باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئالتۇن كېسەك روھىنى يېتەكچى قىلىپ، تەرەققىيات بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەم قىلماقتا

2016.10.20 15:51         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشى 15-، 16-ئۆكتەبىر ھىندىستاننىڭ گوئادا ئۆتكۈزۈلدى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن قايتا يۈز كۆرۈشكەنلىكى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر رەھبەرلىرى ئۇچرىشىشى بىلەن 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى مېخانىزمى خەلقئارا پۇل-مۇئامىلە كىرىزىسىدىن كېيىن بارلىققا كەلگەن بولۇپ، ئىككىلىسى يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇش، يەرشارى ئىقتىسادىنى ئوڭشاشتىكى مۇھىم سەھنە. 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدە گۈللىنىۋاتقان بازار دۆلەتلەر ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر يېرىمنى ئىگىلەيدۇ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسى ۋە ئىقتىسادىي مىقدارى كۆپ بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى سەركىلەر ھېسابلىنىدۇ. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا «خاڭجۇ ئورتاق تونۇشى» ھاسىل قىلىنىپ، يېڭىلىق يارىتىشچان، جانلىق، بىرلەشمە ھەرىكەتچان، كەڭ قورساق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش ئارزۇسى ئىپادىلەندى. يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور بولغان ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ «خاڭجۇ ئورتاق تونۇشى»نى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشى ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ كۈچلۈك ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلىدۇ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بۇرچىنى زىممىسىگە يۈكلەپ، يەرشارى ئىقتىسادى ئېشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئورتاق تەرەققىياتنىڭ تۈرتكىسى بولماقتا. ھازىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشى ئاجىزلاپ، كونا-يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچلەرنىڭ ئالمىشىشى راۋان بولمايۋاتىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىمۇ تەتۈر شامالغا دۇچ كېلىپ، ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلىماقتا، ھەتتا مەنفى ئېشىش بارلىققا كەلمەكتە. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى قىيىنچىلىقلارغا قارىتا ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى ئېشىش مەنبەيىنى ئېچىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا ۋە يېشىل تەرەققىياتقا تېخىمۇ بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا بېكىتىلگەن ئېشىش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش سېخىمىسى ۋە قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات قارالمىسىنى قوللاپ، باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئالاقىدار نەتىجىلىرىنى باشلامچىلىق بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن-تېخنىكا ۋە كەسىپ ئىسلاھاتىدا ئاخىرقى ئۈستۈنلۈكىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ماكرولۇق ئىقتىسادىي سىياسەتلەرنى تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىسادىي شېرىكلىك ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، ئېشىشتا بىر-بىرىگە تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك بىرىكمە كۈچ ھاسىل قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى كۈچەيتىدۇ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى تەشەببۇس قىلىپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىغا داۋاملىق تۈرتكە بولىدۇ. ئۆتكەن بىرقانچە يىلدا، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئافرىقا ئەللىرى، جەنۇبىي ئامېرىكا ئەللىرى، ئاسىيا-ياۋروپا ئىقتىسادىي ئىتتىپاقى ۋە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قاتارلىقلار بىلەن سۆزلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، يەرشارى تەرەققىيات شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جەنۇب-جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ باشلامچىسىغا تەدرىجىي ئايلاندى. خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا 2030-يىلىغىچە بولغان ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسى ھەرىكەت پىلانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش بېكىتىلىپ، ئافرىقا ۋە ئەڭ تەرەققىي قىلمىغان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشىنى قوللاش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى ئەڭ گەۋدىلىك، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئەڭ مول بىر قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا ئايلاندى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقئارا تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا يېڭى تۆھپە قوشىدۇ.

  ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر بۇرچىنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى قەتئىي قوغداپ، داۋاملىق تۈردە خەلقئارا تىنچلىق قالقىنى بولىدۇ. تىنچلىق تەرەققىياتنىڭ ئۇل تېشى، تىنچلىق بولمىسا تەرەققىيات تۇپرىقىمۇ بولمايدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر غەرب تەشەببۇس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ ئىچىدە قەد كۆتۈرۈپ، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىشتەك چوڭ دۆلەتلەر تەرەققىيات يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر ئۆز تەرەققىياتىنى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، تىنچ مۇھىتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ، ھەمكارلىق قىممىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر قىزىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ئىجادىي قاتنىشىپ، سۆزلىشىش ۋە سۆھبەتلىشىش، ئىختىلاپلارنى تىنچ ۋە سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدى. ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەر دۇنيا تىنچلىقىنىڭ قوغدىغۇچىسى، يەرشارى بىخەتەرلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، خەلقئارا بىخەتەرلىك تەرتىپىنىڭ بەرپاچىسى بولۇپ، خەلقئارا بىخەتەرلىك ساھەلىرىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يادرولۇقىدىكى خەلقئارا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق سىستېمىسىنى بىرلىكتە قوغدىدى.

  يەتتە يىللىق ھەمكارلىق جەريانىدا، ئېچىۋېتىش، كەڭ قورساقلىق، ھەمكارلىق، تەڭ نەپ ئېلىشتەك ئالتۇن كېسەك روھى مۇھىم قائىدە بولۇپ كەلدى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، ئالتۇن كېسەك روھى مۇھىم يېتەكچى بولىدۇ. بوران-چاپقۇنلاردا تەۋرىنىپ قالماي، قالايمىقان سادالاردا گاڭگىراپ قالماي، قىيىنچىلىقلاردا توختاپ قالماي، شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتسىلا، ئالتۇن كېسەك نۇرى تېخىمۇ پارلايدۇ، ئالتۇن كېسەك دۆلەتلەردىكى ئۈچ مىليارد خەلق، ھەتتا پۈتۈن دۇنيا خەلقى ئالتۇن كېسەك ھەمكارلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەتكە ئېرىشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر