باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭلار ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ۋازكۇئېز بىلەن كۆرۈشتى

2016.10.20 15:53         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 19- ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى ۋازكۇئېز بىلەن كۆرۈشتى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇرۇگۋاينى لاتىن ئامېرىكىسىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى دەپ قارايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن زۇڭتۇڭ ئەپەندى بىلەن مول نەتىجىلىك سۆھبەتلىشىپ، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى جاكارلىدى، بۇ جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. جۇڭگو ئۇرۇگۋاي بىلەن ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش پىرىنسىپىدا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان مەسىلىلەردە ئۆز ئارا چۈشىنىپ ۋە قوللاپ، خەلقئارا رايون ئىشلىرىدا ياخشى ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى ساقلاپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئۇرۇگۋاي بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۆز ئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، سودىغا مەبلەغ سېلىش، ئۇل ئەسلىھە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشنى خالايدۇ. دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشى ئاجىز، قورۇقچىلىق ۋە تەتۈر دۇنياۋىلىشىش ساداسى باش كۆتۈرۈۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو-ئۇرۇگۋاينىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى بىرلەشمە مۇمكىنچىلىق تەتقىقاتىنى يولغا قويۇشى، خەلقئارا جەمئىيەتكە ئەركىن سودىلىشىشنى قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتەك ئاكتىپ سىگنال تارقىتىشقا، جۇڭگونىڭ لاتىن ئامېرىكىسى شۇنداقلا جەنۇبتىكى ئورتاق بازار دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپ، ئۆز ئارا نەپ يەتكۈزۈپ ئورتاق يېڭىش، كۆپ يېڭىشنى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر