باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا چېگرا ستېرېئولۇق مۇداپىيە-كونترول تورى قۇرۇلۇشى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ

2016.10.21 14:50         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ج خ چېگرا مۇداپىيە باش ئەتىرىتىنىڭ باشلىقى تاۋ ۋەنشيەن 20- ئۆكتەبىر، شىنجاڭدا چېگرا ستېرېئولۇق مۇداپىيە-كونترول تورى قۇرۇلۇشىنىڭ پائال بەرپا قىلىنىدىغانلىقى، چېگرانى چۆرىدىگەن ئامانلىق قوغداش چەمبىرىكى ۋە «كاتەكچىلەشكەن» ئىجتىمائىي چارلاش-كونترول قىلىش مېخانىزمى قۇرۇلۇپ، رايونلار ھەمكارلاشقان ئۇچۇر ھەمبەھىرلەش ۋە ئالماشتۇرۇشنى مەسلىھەتلىشىش سۇپىسى قۇرۇلىدىغانلىقى، ھەمدە چېگرا رايونلارنىڭ دائىمىيلاشقان خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقى ئىشقا ئاشۇرۇلىدىغانلىقى قاتارلىقلارنى بىلدۈردى.

  شۇ كۈنى ئېچىلغان «شىنجاڭنىڭ چېگرا ستېرېئولۇق مۇداپىيە-كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى»دىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭنىڭ چېگرا ستېرېئولۇق مۇداپىيە-كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىن مەقسەت، پارتىيە- ھۆكۈمەت- ئارمىيە- ساقچى- ئەسكەر- خەلق قاتارلىق «ئالتە تەرەپ بىر گەۋدىلەشكەن» بىرلەشمە باشقۇرۇش ۋە بىرلەشمە كونترول قىلىش سىستېمىسىنى قۇرۇپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ چېگرا رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى قوغداشتىن ئىبارەتتۇر.

  تاۋ ۋەنشيەن يەنە، چېگرا ستېرېئولۇق مۇداپىيە-كونترول سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇداپىيە-كونترول بايلىقىنى ئىلمىي ئانالىز قىلىش، مۇداپىيە-كونترول تېخنىكىسىنىڭ ئۇلىنىش ۋە ئۆتۈشۈش، مۇداپىيە-كونترولدا زامان ۋە ماكاننىڭ تولۇق ئۇلىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، مۇداپىيە-كونترول نىشانلىرىنى پۈتۈن لېنىيە بويىچە كونترول قىلغىلى بولۇش، مۇداپىيە-كونترول كاپالىتى جايىدا بولۇش قاتارلىقلار ئارقىلىق، چېگرا مۇداپىيەسىدىكى ئاجىز ھالقىلارنى يوقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىكىگە ۋە چېگرانىڭ مۇقىملىقىغا تەسىر يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان ھەرخىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا زەربە بېرىلىدۇ، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر