باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 79-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى خەلق سارىيىدا ئېچىلدى

2016.10.21 15:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 79-قېتىملىق كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنى تۈنۈگۈن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى. يىغىندا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق يىغىنىنى 31-ئۆكتەبىردىن 7-نويابىرغىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈش قارار قىلىندى. كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. كومىتېت باشلىقلىرى يىغىندا مۇنۇلار تەۋسىيە قىلىندى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق يىغىنىدا خەلق باشقۇرۇشىدىكى مائارىپنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، كىنو كەسپىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇن لايىھەسى، دېڭىز ئوكيان مۇھىتىنى ئاسراش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى، ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتىگە كاپالەتلىك قىلىش قانۇن لايىھەسى، ھەق تەلەپ قانۇنى ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسى، قىزىل كىرېست جەمئىيىتى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسى قاتارلىقلارغا داۋاملىق قاراپ چېقىلسا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مالىيە ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىقنى ئاسراش كومىتېتىنىڭ يادرو بىخەتەرلىك قانۇن لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپ قاراپ چېقىلسا؛ گوۋۇيۈەننىڭ ئۆلچەش سىزىش قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، تاشقى سودا قانۇنى قاتارلىق 12 قانۇننىڭ تۈزىتىلمە لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش تەكلىپى، جۇڭگو بىلەن تاجىكىستاننىڭ ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، جۇڭگو بىلەن سىرىلانكىنىڭ جىنايى ئىشلار ئەدلىيە ھەمكارلىقىنى قاراپ چىقىپ تەستىقلاشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى، 2016-يىللىق مەركەز خامچوتىنى تەڭشەش لايىھەسىنى قاراپ چىقىشقا سۇنۇش توغرىسىدىكى تەكلىپى قاراپ چېقىلسا؛

  كومىتېت باشلىقلىرى يىغىنىدا تەۋسىيە قىلىنغان كۈنتەرتىپلەردىن يەنە مۇنۇلار بار: گوۋۇيۈەننىڭ چېگرادىن كېرىپ چىقىشنى باشقۇرۇش قانۇن ئىجراسى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئەدلىيەنىڭ ئاشكارىلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئەدلىيەنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، ئالى خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەكشۈرۈش نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىش، ئەدلىيە ئادىللىقىنى قوغداش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاممىۋى پاراۋانلىق ئەرزلىرىنى سۇنۇش سىناق خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى ئوتتۇرا مەزگىللىك دوكلاتى؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ پەن-تېخنىكا مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىگە ئايلاندۇرۇش قانۇنىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى، مۇھىت ئاسراش قانۇنىنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلات ؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئىچكى ئىشلار ئەدلىيە كومىتېتى، مالىيە ئىقتىساد كومىتېتى، تاشقى ئىشلار كومىتېتى، يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىنىڭ ئايرىم -ئايرىم ئوتتۇرىغا قويغان 12 ـ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 4-يىغىنىنىڭ ھەيئەت رىياسىتىنىڭ قاراپ چېقىشىغا سۇنۇلغان ۋەكىللەر ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش نەتىجىسى توغرىسىدىكى دوكلاتلارغا قاراپ چېقىلسا؛ يىغىندا كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭنىڭ ئىسرائىلىيە،پەلەستىن، فىنلاندىيە، فىرانسىيەدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتە زىيارەتتە بولۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى يازما دوكلاتىغا؛ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ۋەكىللەرنىڭ سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتىنى تەكشۈرۈش توغرىسىدىكى دوكلاتىغا قاراپ چېقىلسا. يىغىندا يەنە ئالاقىدار ۋەزىپىگە قويۇش، قالدۇرۇش لايىھەسى قاراپ چېقىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر