باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن-تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىلدى

چېن چۈەنگو، ۋاڭ جىگاڭ، شۆھرەت زاكىر سۆز قىلدى، نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، لى پېڭشىن يىغىنغا قاتناشتى، سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2016.10.20 16:00         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپتونوم رايون 19 - ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن - تېخنىكا مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىپ، مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنى، ئىككى ئاكادېمىيە ئاكادېمىكلىرى يىغىنى، جۇڭگو پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ 9 - قېتىملىق مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنىڭ روھى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتى دۇچ كەلگەن ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ، ھازىرقى ۋە كېيىنكى بىر مەزگىللىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇردى؛ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىدىكى ئىلغار كوللېكتىپ ۋە ئىلغار شەخسلەرنى تەقدىرلىدى ۋە مۇكاپاتلىدى؛ ئاپتونوم رايونىمىزدىكىلەرنى ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىي قىلىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، تىرىشىپ ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، ھەممەيلەن خاتىرجەم ياشايدىغان سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇشنى كۈچلۈك پەن - تېخنىكا تىرىكىگە ئىگە قىلىشقا سەپەرۋەر قىلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى چېن چۈەنگو، پەن - تېخنىكا مىنىستىرلىقى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى ۋاڭ جىگاڭ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن نەيىم ياسىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، لى پېڭشىن، شاۋكەت ئىمىن، شۈ خەيرۇڭ، غانىيبات سابۇكەي، ما شۆجۈن، پېڭ جيارۈي قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ سىياسىي كومىسسارى سۈن جىنلۇڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەركىن تۇنىياز تەقدىرلەش قارارىنى ئوقۇدى.

  مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىرلار 2015 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا - خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى لى شياۋ، 69081 - قىسىم خىمىيەۋى قوراللاردىن مۇداپىئەلىنىش رېمونت ئورنىنىڭ ئالىي ئىنژېنېرى شۈ يۈنگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى. رەئىس سەھنىسىدە ئولتۇرغان رەھبەرلەر 2015 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىللىرىگە گۇۋاھنامە تارقاتتى.

  چېن چۈەنگو سۆزىدە مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پەن - تېخنىكا بىرىنچى ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوقۇم تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىش كېرەك.

  ۋاڭ جىگاڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمىتىگە قارىتا ئوتتۇرىغا قويغان بىر يۈرۈش ئورۇنلاشتۇرما، يوليورۇق، تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئومۇمىي تەلەپنى كونكرېت خىزمەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا ئايلاندۇرۇپ، چوڭقۇر ئۆگىنىش، چۈشىنىش ئاساسىدا ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  شۆھرەت زاكىر مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جايلار، تارماقلار يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئىجادىي، ماس، يېشىل، ئوچۇق، ھەمبەھىر بولۇشتەك بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتىكى بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچكە ئايلاندۇرۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ خىزمەت تەلەپلىرى ۋە ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئاساسىدا ئاڭلىق بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى پۇختا ئىگىلەپ، «بىر ئاساسىي لىنىيە»نى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككى چاقنى تەڭ ھەرىكەتلەندۈرۈش»تە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچ چوڭ كاپالەت»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «بەشكە يۈزلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىدىيەنى ئۆزگەرتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىش كېرەك.

   ئاپتونوم رايون پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىلى لى شياۋ، ئىشچى - دېھقانلارنىڭ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋەكىلى ساۋۇر ئابدۇكېرىم يىغىندا سۆز قىلدى.

  يىغىندىن كېيىن، چېن چۈەنگو، شۆھرەت زاكىر قاتارلىق رەھبەرلەر «12 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. يىغىن تېلېۋىزىيە - تېلېفون يىغىنى شەكلىدە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، سىياسىي كېڭەش، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، قوراللىق ساقچى قىسىم شىنجاڭ باش ئەترىتىنىڭ ئاساسلىق رەھبەرلىرى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەر قايسى بۆلۈم، كومىتېتلىرى، ئاپتونوم رايوندىكى ھەر قايسى كومىتېت، ئىشخانا، نازارەت، ئىدارە، خەلق تەشكىلاتلىرى، ئالىي تېخنىكوم، ئالىي مەكتەپ، چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلار، مەركەزنىڭ شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئورۇنلىرى، شۇنداقلا ئالاقىدار پەن - تېخنىكا تارماقلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى؛ 2015 - يىلى ئاپتونوم رايوننىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى مۇكاپاتىنىڭ ئالاھىدە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلەر ۋەكىلى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر، ناھىيە (شەھەر)، رايونلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى جايلاردىكى تارماق يىغىن مەيدانلىرىدا يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر