ئاقتۇ ناھىيەسىدىن جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ جىڭدېجېن شەھىرىگە كەلگەن 24 كۇرسانت 9 – ئۆكتەبىردىن باشلاپ جىڭدېجېن ساپالچىلىق ئىنستىتۇتىدىكى بىر ئايلىق كۇرسىنى باشلىدى.
مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۇلالچىلىق ئىشلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قايتىدىن جانلاندى. ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ بارىن يېزىسى سايباغ كەنتىدىكى 6 – ئەۋلاد كۇلالچى ھاجى ئەمەت ئاتا كەسپىگە ئىزچىل ۋارىسلىق قىلدى. ئاقتۇ ناھىيەلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى مىللىي مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇرۇش، ئەنئەنىۋى ھۈنەر – سەنئەتكە ۋارىسلىق قىلىپ، ئاۋام تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھاجى ئەمەت ئائىلىسىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇنىڭ ‹‹مىراس›› قول ھۈنەرۋەنچىلىك كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇرۇشىغا ياردەم بېرىپ، ناھىيەدىكى نۇرغۇن ئېشىنچا ئەمگەكچىنى ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىل 8 – ئايدا ئەنئەنىۋى كۇلالچىلىقتىكى ساپال بۇيۇملار ئېتىلىپ كېتىش، تولۇق پىشماسلىق، رەڭلىرى تەكشى بولماسلىق، ۋاقىت كۆپ سەرپ قىلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سۈپەتلىك، كۆركەم ساپال بۇيۇملار ئارقىلىق ئۇيغۇر كۇلالچىلىقىنى دۇنياغا تونۇتۇش ۋە دېھقانلارنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدە جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ ياردىمىدە جىڭدېجېن ساپالچىلىق ئىنستىتۇتى بىلەن ‹‹ئەنئەنىۋى كۇلالچىلىقنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى›› ئىمزالىدى.
بۇ قېتىمقى كۇلالچىلارنى تەربىيەلەش جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا بەش يىللىق نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىدىكى بىر تۈر ھېسابلىنىدۇ. 7 – ئەۋلاد كۇلالچىلىق ۋارىسى ئوبۇلتالىپ ھاجى مۇنداق دېدى: پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاتا مىراس كەسپىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۆپ كۈچ چىقاردى. پۈتۈن چىقىمىمىزنى كۆتۈرۈپ، ئىچكىرى ئۆلكىدىكى ئىنستىتۇتقا ئەكىلىپ مەخسۇس تەربىيەلەۋاتىدۇ. جىڭدېجېن شەھەرلىك پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ۋە جىڭدېجېن ساپالچىلىق ئىنستىتۇتى بىزگە كۆڭۈللۈك ئۆگىنىش شارائىتى يارىتىپ بەردى. بۇ قېتىمقى تەربىيەلەشنىڭ ئۈنۈمى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. بىز پارتىيە، ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ، ئۆگىنىش پۇرسىتىنى قەدىرلەپ، تىرىشىپ ئۆگىنىپ، يۇرتقا قايتقاندىن كېيىن ئەمەلىي نەتىجىمىز بىلەن ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىمىز.
ئىگىلىشىمچە، بۇ كۇرس بىر يىل داۋاملىشىدىكەن، ھەر قېتىملىق كۇرسنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولىدىكەن. جىڭدېجېن ساپالچىلىق ئىنستىتۇتى ئاجراتقان ئون پىروفېسسور كۇرس مەزگىلىدە، ئاقتۇلۇق كۇرسانتلارغا ساپال بۇيۇم لايىھەلەش، شەكىلگە كەلتۈرۈش، نەققاشلىق، بېزەش ئۇسۇلى قاتارلىق جەھەتلەردە دەرس ئۆتىدىكەن.