- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
جۇڭگو ئۇزۇن سەپەر راكېتا چەكلىك شىركىتى قۇرۇلدى
جۇڭگو راكېتالىرىنىڭ «سودا دەۋرى» باشلاندى
2016.10.20 16:01 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 19- ئۆكتەبىر، راكېتا مۇتەخەسسىسلىرى ۋە ئالەم قاتنىشى خادىملىرىنىڭ ئورتاق شاھىد بولۇشى بىلەن، رەسمىي تەشكىللىنىپ قۇرۇلغان جۇڭگو ئۇزۇن سەپەر راكېتا چەكلىك شىركىتى ئۆزىگە تەۋە «يېڭى ئۇزۇن سەپەر»نى باشلىدى. بۇ جۇڭگو راكېتالىرىنىڭ سودا دەۋرىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.
تېخنىكا دېگىنىمىز ئۆزگىرىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى، دەۋر بولسا، يېڭى ھاياتلىقنى چاقىرىدۇ. «جۇڭگو راكېتالىرى»نىڭ سىرلىق پەردىسىنى ئاچقاندا، «ئۇزۇن سەپەر» ئەمەلىيەتتە ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدىغان بىر ئىسىم: مەسىلەن، ئادەملىك ئالەم قاتنىشى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۇزۇن سەپەر 2F توشۇغۇچى راكېتا لىرى ۋە قويۇپ بېرىش سىنىقى قىلىنىش ئالدىدا تۇرغان ئېغىر دەرىجىلىك ئۇزۇن سەپەر 5- نومۇرلۇق توشۇغۇچى راكېتا دېگەنلەر.
جۇڭگو ئۇزۇن سەپەر راكېتا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى خەن چىڭپىڭنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېڭى قۇرۇلغان جۇڭگو ئۇزۇن سەپەر راكېتا چەكلىك شىركىتى سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش، ئوربېتىدا تاپشۇرۇش ۋە ئىشلىتىش، سۈنئىي ھەمراھنى سودىغا ئىشتىلىش قاتارلىقلار بىر گەۋدىلەشكەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئىقتىدارلىرىنى ھازىرلىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە يەنە مۇۋاپىق ۋاقىتتا «ئالەم بوشلۇقى يۇلتۇزلار تورى، ئالەم بوشلۇقى مەخسۇس ماشىنىسى، ئالەم بوشلۇقى ئۆتەر يول ماشىنىسى، ئالەم بوشلۇقى نۆۋەتچى ماشىنىسى» قاتارلىق كۆپ خىل قويۇپ بېرىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويۇش پىلانلانغان بولۇپ، بۇلار ئالەم بوشلۇقى ئىقتىسادىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر