باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«شىنجاڭ مەدەنىيىتى ھەپتىلىكى» كولومبودا ئۆتكۈزۈلدى

2016.10.19 15:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو-سىرىلانكا ئىككى دۆلەت ئەنئەنىۋىي دوستلۇقىنى كۈچەيتىش، ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، «سېھرىي كۈچكە تولغان جۇڭگو، رەڭدار شىنجاڭ __ 2016- يىللىق جۇڭگو شىنجاڭ مەدەنىيىتى ھەپتىلىكى» 18- ئۆكتەبىر سىرىلانكا پايتەختى كولومبودا باشلاندى.

  بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ھەپتىلىكىدە، شىنجاڭ مۇقام سەنئىتى ئانسامبىلى 19- ئۆكتەبىر كېلانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى كوڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كولومبو دۆلەتلىك تىياتىر يۇرتى نىلۇپەر كۆلى تىياتىرخانىسىدا «شاد-خورام شىنجاڭ» ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنلىدى.

  شىنجاڭ مەدەنىيىتى ھەپتىلىكىنىڭ مۇددىتى ئۈچ كۈن بولۇپ، ئاساسلىقى شىنجاڭ مەدەنىيىتى لېكسىيەسى، بىماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت نومۇرلىرى كۆرسىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پائالىيەتنى جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقى ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇيۇشتۇرغان، جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت مىنىستىرلىقىنىڭ چەتئەل مەدەنيەت ئالاقە ئىدارىسى، سىرىلانكا جۇڭگو مەدەنىيىتى مەركىزى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار ئۆتكۈزۈشنى ئۈستىگە ئالغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر