باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى رەسمىي قۇرۇلدى

2016.10.19 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 16- ئۆكتەبىر، سانجى شەھىرىدە رەسمىي قۇرۇلغان شىنجاڭدىكى تۇنجى ئىستۇدېنتلار ئىگىلىك تىكلەش بازىسى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ «بازار ئېچىش، تىرىشپ ئىگىلىك تىكلەش» يېڭى ئەندىزىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىدۇ.بۇ يىل سانجى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسى 9 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، مەزكۇر شەھەرنىڭ قىزىل يۇلتۇز يولىدا كۆلىمى 3000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان ئىستۇدېنتلار كوللېكتىپ ئىگىلىك تىكلەش بازىسىنى قۇردى. بۇ بازا ئىستۇدېنتلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىگىلىك تىكلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، ئىگىلىك تىكلەش خەۋپ - خەتىرىنى تۆۋەنلىتىشىگە ياردەم بېرىپ ھەمدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، شېنجىن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېلېكتىرونلۇق سودا، مائارىپ - تەربىيەلەش، كىيىم - كېچەك، يېمەك - ئىچمەك، ئۆزگىچە مۇلازىمەت قاتارلىق تۈرلەر ۋە ئىگىلىك تىكلەش، كوللېكتىپ مەبلەغ توپلاش ئەندىزىسى، ئەشيا ئوبوروتى سۇپىسى ئۇلاش ئەندىزىسى، تۈر ئىشخانىسى تىجارەت ئەندىزىسى قاتارلىق ئەھۋاللارنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، سېلىنىدىغان مەبلەغ ئاز، ئۈنۈمى تىز، بازار ئىستىقبالى ياخشى ئىگىلىك تىكلەش تۈرىنى توپلىدى.

  بۇلار ئىچىدە، «كونتېينېر مېھمانخانىسى » ئىستۇدېنتلارنىڭ كوللىكتىپ ئىگىلىك تىكلەش بازىسى يولغا قويغان ئىستۇدېنتلارنىڭ ئىگىلىك تىكلەش تۈرلىرىنىڭ بىرى، بۇ مېھمانخانا ئۈچ قەۋەتلىك، 51 كونتېينېردىن تەركىب تاپقان، 6 مىليون يۈەندىن كۆپرەك مەبلەغ سېلىنغان بولۇپ، ھازىر مېھمانخانىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى تاماملاندى، ئىچىنى بېزەش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر