باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«جۇڭگونىڭ كۆچمە نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ 2016- يىللىق دوكلاتى» ئېلان قىلىندى

ئېلىمىزدىكى كۆچمە نوپۇسلار 247 مىليونغا يەتتى، تۇراقلىشىش، ئائىلىشىش، كۆپ مەنبەلىشىشكە قاراپ يۈزلەندى

2016.10.20 15:55         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس مەھكىمىسى يېقىندا «جۇڭگونىڭ كۆچمە نوپۇس تەرەققىياتىنىڭ 2016- يىللىق دوكلاتى»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «دوكلات» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، بۇ ئۇدا 7-قېتىم نەشر قىلىنغان يىللىق دوكلات ھېسابلىنىدۇ. «دوكلات»تا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى، ئېلىمىز كۆچمە نوپۇسى 247 مىليونغا يېتىپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %18نى ئىگىلىگەن، بۇ ھەر ئالتە كىشىنىڭ ئىچىدە بىر كۆچمە ئاھالىنىڭ بارلىقىنى بىلدۈرىدىكەن. نوپۇسنىڭ زور كۆلەمدە كۆچۈشى ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا بولۇپمۇ رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلانغان. ھازىر، ئىقتىساد ئامىلى ئېلىمىز نوپۇسىنىڭ كۆچۈشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان يېتەكچى ئامىلكەن. كەلگۈسىدە كۆچمە نوپۇس كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئاستىلايدىكەن، لېكىن ئىزچىل ئېشىشتەك ئومۇمىي ھالەت ئۆزگەرمەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، كۆچمە نوپۇسلار تۇراقلىشىش، ئائىلىشىش، كۆپ مەنبەلىشىشتەك يېڭى ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە يۈزلەنگەن.

  دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى بۈگۈن ئاچقان مەخسۇس تېمىلىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، دۆلەت سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى كۆچمە نوپۇس مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چيەن مۇنداق دېدى: «دوكلات» ئاساسلىق دوكلات شۇنداقلا كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كۆچۈشى ۋە شەھەر-بازارلىشىشى، كۆچۈپ چىققان جايدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى ۋە ئالاقىدار تەسىرى، كۆچمە نوپۇسنىڭ جەمئىيەتكە سىڭىشى ۋە ئائىلە تەرەققىياتى، كۆچمە نوپۇسنىڭ سەھىيە-پىلانلىق تۇغۇت مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش، كۆچمە ياشانغانلارنىڭ ساغلاملىق مۇلازىمىتى قاتارلىق بەش مەخسۇس تېمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئاساسلىق دوكلاتتا كەلگۈسى بەس يىلدىن 15 يىلغىچە بولغان كۆچمە نوپۇسلارنىڭ كۆچۈش يۈزلىنىشى ۋە ئالاقىدار تەسىرى نۇقتىلىق تەھلىل قىلىنىپ، ئالاقىدار سىياسەت تەدبىرلەرنى تۈزۈش ئۈچۈن پايدىلىنىش ماتېرىيالى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر