ئايروپىلان خادىملىرى C-47 توشۇغۇچى ئايروپىلاننى تەكشۈرمەكتە (10- ئاينىڭ 15- كۈنى تارتىلغان).
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10- ئاينىڭ 15- كۈنى، 1944- يىلى ياسالغان C-47 تىپلىق بىر توشۇغۇچى ئايروپىلان كۇنمىڭدىكى چاڭشۇي خەلقئارا ئايرودرومىغا بىخەتەر قوندى. جۇڭگو خەلق خەلقئارا دوستلۇق جەمئىيىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، بۇ جەمئىيەت ۋە ئامېرىكا ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ تارىخ كومىتېتى بۇ قېتىملىق «تۆگە چوققىسى لېنىيەسىدە قايتا ئۇچۇش» پائالىيىتىنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن مەقسەت ئاشۇ تارىخنى قايتا ئەسلەش، ھەمدە بۇ پائالىيەت ئارقىلىق گۇيلىندىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتى خارابىلىكى باغچىسىدىكى يادرولۇق قۇرۇلۇشنى، يەنى، قوماندان چېننالتنىڭ قوماندانلىق ئاكوپىنى رېمونت قىلىپ ئوڭشاش خىزمىتىگە مەبلەغ يىغىشنى ئۈمىد قىلىشتىن ئىبارەت.
بۇ يىل 8- ئايدا، C-47 تىپلىق بۇ توشۇغۇچى ئايروپىلان ئاۋسترالىيەدىن كۆتۈرۈلۈپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەردىن ئۇچۇپ ئۆتۈپ، 10- ئاينىڭ 15- كۈنى بېرمانىڭ ماندالايدىكى ھىمالايا تاغ تىزمىسى، خېڭدۇەن داغ تىزمىسى قاتارلىق بوشلۇقتىكى خەتەرلىك جايلاردىن ھالقىپ، كۈنمىڭغا قوندى، ئۇچۇش لېنىيەسى دەل 70 نەچچە يىل بۇرۇن ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ئۇچۇپ ئۆتكەن «تۆگە چوققىسى لېنىيەسى» ئىدى.
بۇ ئايروپىلان گۇاڭشىنىڭ گۈيلىنغا يېتىپ بېرىپ، گۈيلىندىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتى خارابىلىكى باغچىسىغا مەڭگۈلۈك تىزىپ قويۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى