دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 15 – ئۆكتەبىر ھىندىستاندىكى گوئادا جەنۇبىي ئافرىقا زۇڭتۇڭى زۇما بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو – جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز تولۇقلىنىۋاتىدۇ. ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسىنى ساقلاپ، پارتىيە، قانۇن چىقىرىش ئورگىنى، ئارمىيە، خەۋپسىزلىك قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، بىر – بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان زور مەسىلىلەرگە چېتىلىدىغان ئىشلاردا داۋاملىق بىر – بىرىنى چۈشىنىشى ۋە قوللىشى كېرەك. جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول كارىدورى بەرپا قىلىش، پەن – تېخنىكا باغچىسى قۇرۇش، كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش، جايلار ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش قاتارلىق تۈرلەردە تېزدىن ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىشى كېرەك. خەلقئارا ئىشلاردا زىچ ماسلىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى پۇختا قەدەم بىلەن راۋاجلاندۇرۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقىنىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدا تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللايدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولى توغرىسىدا ئىزدىنىشىنى، ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ باشقىلارنىڭ مۇداخىلىسى ۋە كونتروللۇقىدىن قۇتۇلۇشىنى قەتئىي تەۋرەنمەي قوللايدۇ. جۇڭگو جەنۇبىي ئافرىقا ۋە باشقا ئافرىقا دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشى ھەم ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.
زۇما مۇنداق دېدى: جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو ئاچقان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مول نەتىجىلەرگە، بولۇپمۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ تەرەققىيات مەسىلىسى ھەم 20 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. جەنۇبىي ئافرىقا جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدۇ، جۇڭگونىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئادەم كۈچى بايلىقىنى يېتىشتۈرۈش قاتارلىق ساھەلەردە جەنۇبىي ئافرىقىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىدۇ، جۇڭگو – ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى جوھاننىسبۇرگ باشلىقلار يىغىنى نەتىجىلىرى رامكىسى ئاساسىدا، جۇڭگو بىلەن جەنۇبىي ئافرىقا، جۇڭگو بىلەن ئافرىقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ.