خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 19-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى، فوتوسى) 18-نۆۋەتلىك جۇڭگو شاڭخەي خەلقئارا سەنئەت فېستىۋالىغا ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتۇرۇلغان، يەكەن ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى ئورۇندىغان مۇزىكىلىق ئوپېرا «ئاماننىساخان ھەققىدە ھېكايە» 17- ئۆكتەبىردىن باشلاپ شاڭخەي تىياتىر ئىنىستىتۇتى تەجرىبە زالىدا رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىدى. شاڭخەي شەھىرى پۇدوڭ رايونىنىڭ يەكەن ناھىيەسىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىدىكى مۇھىم تۈر بولغان، 10 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان بۇ ئوپېراغا بۇ يىل يىل بېشىدىن باشلاپ تەييارلىق قىلىنىپ، ئۈچ ئاي ئىچىدە سىنارىيەسى پۈتۈپ، ئۈچ ئاي رېپېتىتسىيە قىلىنىپ، سەھنىگە ئېلىپ چىقىلغان.
سۈرەتتە: ئوپېرادىن كۆرۈنۈشلەر
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى