باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، كانادا، ئەنگلىيە يەنىلا چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ دەسلەپكى تاللىشى بولىدۇ

2016.10.17 15:20         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 15- ئۆكتەبىر، چىدې مائارىپى بېيجىڭدا «جۇڭگونىڭ يېشى كىچىك ئوقۇغۇچىلارنىڭ چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش ئاق تاشلىق كىتابى- تولۇق كۇرس» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئاق تاشلىق كىتاب» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. «ئاق تاشلىق كىتاب»تا كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلگە چىقىپ تولۇق كۇرس، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن ئوقۇش تارىخىغا ئىگە مائارىپ بويىچە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ نىسبىتى 2012-يىلىدىكى %23تىن 2015- يىلى %40گىچە كۆپەيگەن.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر «ئاق تاشلىق كىتاب»تا ھەر قايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىڭ مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئېلان قىلغان سىياسەت ئۇچۇرلىرى ۋە چىدې مائارىپى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئۆزىدە بار بولغان خېرىدارلارغا مۇلازىمەت قىلىش سانلىق مەلۇماتىنى بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا، 5619 پارچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سوئال قەغىزى، 100گە يېقىن ئوقۇغۇچى ۋە نەچچە ئون ئاتا -ئانا بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت خاتىرىسىنى بىرلەشتۈرۈپ رەتلەپ چىققان.

  نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە، چەت ئەلگە چىقىپ تولۇق كۇرس ئوقۇيدىغان جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئامېرىكىدا ( % 26.4نى) ، ئاۋسترالىيەدە (% 3.17نى)، كانادادا (% 15.4نى)، ئەنگلىيەدە (%13.7نى) ئىگىلىگەن بولۇپ، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئاساسلىق تاللايدىغىنى يەنىلا مۇشۇ تۆت دۆلەت بولغان. لېكىن گېرمانىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%4.70نى)، فىرانسىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%3.80نى)، كورېيەدە ئوقۇيدىغانلار (%3.10نى)، سىنگاپوردا ئوقۇيدىغانلار (%2.50نى)، گوللاندىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%1.80نى)، ياپونىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%1.20نى)، ئىتالىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%1.20نى)، شىۋېيتسارىيەدە ئوقۇيدىغانلار (%1.00نى) ئىگىلىگەن. بۇ، ياۋروپا ۋە ئاسىياغا تارقالغان، شۇنداقلار جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار چەت ئەلگە چىقىپ تولۇق كۇرس ئوقۇشنى تاللىشىدىكى قىزىق نۇقتىلىق دۆلەتلەر ھېسابلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر