باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچىدە مېترو 3-، 4- لىنىيە قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى تەستىقلاندى

2016.10.18 15:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ 16- ئۆكتەبىر ئىگىلىشىچە، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ تور بېكىتىدە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە شەھەر رېلىسلىق قاتناش 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانى (2016- 2021- يىل) توغرىسىدىكى تەستىقىي جاۋابىنىڭ مەزمۇنى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، مېترو 3- لىنىيەسىنىڭ 1- قارارلىق قۇرۇلۇشى، 4ـ لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى قاتارلىق ئىككى تۈرلۈك قۇرۇلۇش تەستىقلانغان، قۇرۇلۇشنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 41.8 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

  ئۈرۈمچى شەھىرى مېترو 3ـ لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى، 4ـ لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى شەھەرنىڭ شەھەر رېلىسلىق قاتناش 2- قارارلىق قۇرۇلۇشى پىلانىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش بولۇپ، بۇلار ئىچىدە، مېترو 3 ـ لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى ساڭفاڭگۇدىن باشلىنىپ سەنگۇڭ شىمالىي بېكىتىگە بارىدۇ، لىنىيە شەھەرنىڭ جەنۇبىدىن شىمالغا توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 22.1 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇلۇشقا 17 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 2017- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە پىلانلانغان.

  مېترو 3ـ لىنىيەسىدە 19 بېكەت بار بولۇپ، ساڭفاڭگۇ، 12- ئوتتۇرا مەكتەپ، يامالىق تاغ يولى، جۇجياڭ يولى، ۋوگزال، خۇمدانلىق، پوچتا-تېلېگراف ئىدارىسى، تاشقى سودا شىركىتى، نۇرباغ، دوستلۇق بېكىتى، سەككىز قەۋەت بېكىتى، تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت، لى يۈشەن، ئەشيا ئوبوروت باغچىسى، گاز قاچىلاش پونكىتى، ئىتتىپاق ئولتۇراق رايونى، ئاشلىق پونكىتى، سەنگۇڭ جەنۇبىي ۋوگزالى، سەنگۇڭ شىمالىي بېكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  مېترو 4ـ لىنىيەسىنىڭ 1ـ قارارلىق قۇرۇلۇشى جىنخۇ يولىدىن باشلىنىپ چىداۋان بېكىتىگە بارىدۇ، لىنىيە شەھەرنىڭ شەرقىدىن غەرىبىگە توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدۇ ، ئومۇمىي مۇساپىسى 19.7 كىلومېتىر كېلىدۇ، 15 مىليارد 960 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىدىغان بولۇپ، قۇرۇلۇش مۇددىتى 2016- يىلىدىن 2021- يىلىغىچە پىلانلانغان.

  مېترو 4- لىنىيەسىدە 16 بېكەت بار بولۇپ جىنخۇ يولى، سۈت فېرمىسى، تاماكا زاۋۇتى، ئەرگۇڭ غەربىي ۋوگزالى، يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول بېكىتى، شىمالىي مەيدان، پاختا ئامبىرى، ياغاچ ماتېرىياللىرى زاۋۇتى، تۆمۈر يول دوختۇرخانىسى، تۆمۈريول ئىدارىسى، تەبىئىي گاز شىركىتى، گاز قاچىلاش پونكىتى، ئاپتوموبىل شەھەرچىسى، سەككىز تۈتۈن بېكىتى، كۆرگەزمە مەركىزى، چىداۋان بېكىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرى رېلىسلىق قاتناش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپلا قالماستىن،يەنە ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدىن جەنۇبىي تاغقىچە ئوتتۇرا، تۆۋەن سۈرئەتلىك ماگنىتلىق لەيلىمە پويىز ۋە ئۈرۈمچى - سانجى يېنىك رېلىسلىق قاتناش پىلانى ۋە قۇرۇلۇشىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، «13ـ بەش يىل» مەزگىلىدە پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر