باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 10- دېكابىرغىچە تاماملىنىدۇ

2016.10.17 15:35         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش بەلگىلىمىسى» يېقىندا ئېلان قىلىندى. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كېلەر يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيىتىنى بېكىتىش خىزمىتى بۇ يىل 10- دېكابىرغىچە تاماملىنىدۇ، كونكرېت ۋاقتىنى ۋىلايەت، ئوبلاستلىق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئاپپاراتلىرى بېكىتىدۇ.

  «بەلگىلىمە»دە ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە قايتا ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلار، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەردىكى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار، ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئوقۇش تەۋەلىكىدىن ھالقىپ ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىمغا ئالدۇرۇش شەرتلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى ھەمدە ئىمتىھانغا تىزىملىتىشقا شەرتى توشمايدىغان يەتتە خىل ئوقۇغۇچى ئېنىق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «بەلگىلىمە»دە يەنە، جايلاردىن ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نوپۇس تەۋەلىكى ۋە ئوقۇش تەۋەلىكىنى تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇش تەۋەلىكى يوق بولۇش، نوپۇسنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ئورۇنلاشتۇرۇشتەك قىلمىشلارنى قەتئىي توسۇش؛ تەۋەلىكىنى ساختا مەلۇم قىلىش ۋە ئوقۇش تەۋەلىكى يوق بولۇشتەك قىلمىشلارنىڭ سادىر بولۇشىنى قاتتىق چەكلەش تەلەپ قىلىندى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا يەنە مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: ئوقۇغۇچىلار توردا ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن ئىسمى بىلەن شىفىرنى چىڭ ساقلىشى، تىزىملىتىش ۋاقتى توشۇشتىن بۇرۇن شەخسىي ئۇچۇرىنى توغرا، تولۇق، ئوبيېكتىپ، چىن تولدۇرۇشى، توردا ئىمتىھانغا تىزىملىتىش سىستېمىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىشى كېرەك. ئوقۇغۇچىلار «بەلگىلىمە»نىڭ تەپسىلىي مەزمۇنىنى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى»دىن كۆرۈۋالسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر