باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2016.10.14 14:30         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز رەناگۈل خۇدابەردىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى يېقىندا «ئاپتونوم رايوننىڭ شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىنى كاپالەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى تارقاتقان بولۇپ، «ئۇقتۇرۇش» تا شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى خىراجىتىگە كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قارار قىلىنغان.

  ئىگىلىنىشىچە، 2017 - يىلى ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ «ئىككى كەچۈرۈم، بىر ياردەم» سىياسىتى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش پارچە خىراجىتى كەچۈرۈم قىلىنىپ، دەرسلىك ھەقسىز تارقىتىلىدىكەن، شۇنداقلا ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىلىدىكەن. مەجبۇرىيەت مائارىپى سېلىنمىسى داۋاملىق زورايتىلىپ، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپى، بولۇپمۇ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ مائارىپ ئىشلىرى ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلۇپ، شەھەر مەجبۇرىيەت مائارىپىغا ئالاقىدار مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، شەھەر، يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ تەكشى تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر