باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىلىمىزنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شوڭ بو جۇڭگو كامبودژا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى

2016.10.13 14:16         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كامبودژا پادىشاھى سىخامۇنىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13 -، 14- ئۆكتەبىر كامبودژادا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ. ئىلىمىزنىڭ كامبودژادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى شوڭ بو يېقىندا جۇڭگو كامبودژا مۇناسىۋىتى توغرىسىدا كۆپلىگەن تاراتقۇ مۇخبىرلىرىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو بىلەن كامبودژا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يەنىمۇ تۈرتكە بولىدۇ. شوڭ بو مۇنداق دېدى: ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە سىياسىي جەھەتتىكى ئۇچرىشىشىنى داۋاملىق ساقلاپ، جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەيدۇ ۋە جارى قىلدۇردى. كامبودژا بىر بەلباغ بىر يول ۋە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدار ھەمكارلىقىدىكى نۇقتىلىق يۆلىنىشكە ئايلىنىدۇ. جۇڭگومۇ كامبودژانىڭ زور ئۇل ئەسلە قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىك، ساياھەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشتا تېخىمۇ زور رول ئوينايدۇ. جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرىدىكى ئالاقىسىدىكى ماسلىشىشى ھەمدە ھەمكارلىقىمۇ تېخىمۇ قويۇقلىشىدۇ، ئىككى تەرەپ رايون، ئىككىلەمچى رايون ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا بىرلىكتە تۈرتكە بولىدۇ، ھەمدە رايون تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى بىرلىكتە قوغدايدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر