- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ: جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇشىمىز كېرەك
2016.10.13 13:54 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تىرىشىپ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك تىنچ جۇڭگو قۇرۇپ، ئاممىنىڭ بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇش كېرەك.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سىياسىي–قانۇن، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سېپىدىكىلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قارار، ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىر قولدا گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى تۈزەشنى، بىر قولدا جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشنى چىڭ تۇتۇپ، تىنچلىق قۇرۇلۇشىدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھەمتۈرتكە بولۇش، بىرىكىش، ئوچۇق بولۇش، ئورتاق ئىدارە قىلىشقا، دېموكراتىك بولۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، پەن – تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى ئىجتىمائىيلاشتۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش ئىزىغا سېلىش، ئەقلىيلەشتۈرۈش، كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسى ۋە تۈرلۈك خەۋپ – خەتەرلەرنى مۆلچەرلەش، سىگنال بېرىش، ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلىنى ھەل قىلىشنى مەقسەت قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، مەخسۇس تۈر بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن سىستېمىلىق ئىدارە قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، مەنبەدىن ئىدارە قىلىشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈش كېرەك. جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش تۈزۈلمە – مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىستېرېئولاشقان، ئۇچۇرلاشقان جەمئىيەت ئامانلىقى مۇداپىئە – كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوم ۋە ھۆكۈمەتلەر جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشكە رەھبەرلىك قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شۇ جاينىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، شۇ جاينىڭ تىنچلىقىنى ساقلاش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي زىممىسىگە ئېلىشى كېرەك.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر