باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇش رەسمىي تەستىقلاندى

2016.10.14 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۆت يىلدىن ئارتۇق تىرىشىش ئارقىلىق، كۆپنىڭ دىققىتىنى تارتقان شىنجاڭ بانكىسى پاي چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ شىنجاڭ بانكىسى دېيىلىدۇ) 10- ئۆكتەبىر جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ قۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش تەستىقىغا رەسمىي ئېرىشتى.

  جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ تەستىقى بويىچە، شىنجاڭ بانكىسىنىڭ باش ئىشتابى ئۈرۈمچى شەھىرىدە قۇرۇلىدۇ ، بانكا تۈرى شەھەر سودا بانكىسى بولىدۇ. شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى كەلگۈسى ئالتە ئاي ئىچىدە قۇرۇش تەييارلىقىنى تاماملىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇش ئارزۇسى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. 2012- يىلى ش ئۇ ئا ر 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 5- قېتىملىق يىغىنىدا «ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا، تۇنجى قېتىم «شىنجاڭ بانكىسى» قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى؛ شۇ يىلى 8 - ئۆكتەبىردە ئېچلغان ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ( كېڭەيتىلگەن ) يىغىنىدا يەرلىكنىڭ پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئىسلاھات تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېنىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ 2013- يىلى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى گوۋۇيۈەنگە «شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش توغرىسىدىكى يوليورۇق سوراش دوكلاتى»نى مەلۇم قىلدى؛ شۇ يىلى 9- ئايدا، جۇڭگو بانكا نازارەتچىلىك كومىتېتى بىر تۇتاش پىلانلاپ، خەلق بانكىسى ۋە مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن كېيىن، شىنجاڭنىڭ شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش توغرىسىدا يوليورۇق سوراش دوكلاتىنى گوۋۇيۈەنگە مەلۇم قىلدى؛ 2013- يىلى 12- ئاينىڭ 30- كۈنى گوۋۇيۈەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۈەننىڭ بىرلىكتە شىنجاڭنىڭ يەرلىك قانۇنىي ئىگە بانكىسىنى قۇرۇشىنى ماقۇللىدى 2014- يىلى 10- ئاينىڭ 29- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى خۇاڭ ۋېي گۇرۇپپا باشلىقى بولغان «شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى»نى قۇرۇپ، شىنجاڭ بانكىسى قۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى؛ 2015-يىلى 8- ئايدا شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى.

  بۇنىڭ بىلەن، شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇش تەييارلىق خىزمىتى ماھىيەتلىك مەشغۇلات باسقۇچىغا قەدەم قويدى.

  شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇشنىڭ تەستىقلىنىشى ئاپتونوم رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرلىك پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ بىرىنچى تىرەك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنىڭ يەنە بىر مۇھىم نەتىجىسى، شۇنداقلا «بىر بەلباغ، بىر يول» ئارقا كۆرۈنۈشى ئاستىدا، شىنجاڭنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى رايون پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىشىغا زور پايدىسى بار.

  شىنجاڭ بانكىسىنى قۇرۇشنىڭ تەستىقلىنىشى شىنجاڭنىڭ پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئۆچمەس ئىزلار قالدۇرغۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر