باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى 5- نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى قىلدى

2016.10.12 14:28   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى 5- نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى قىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن ئاۋمېندا جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى 5- نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ۋە ئاساسىي مەقسەت نۇتقى قىلدى. يېشىل تۇمشۇق زۇڭلىسى سىلۋا، گىۋىنېيە بىساۋۇ زۇڭلىسى باسىروگا، موزامبىك زۇڭلىسى دوروسارىئو، پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا ۋە ئانگولا، بىرازىلىيە، شەرقىي تىمور قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرى تىل مەدەنىيىتىنى ۋاسىتە، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى باش تېما، ئورتاق تەرەققىي قىلىشنى نىشان قىلىپ، ئاۋمېننىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە سۇپىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە داۋاملىق مۇھىم رول ئوينايدۇ. جۇڭگو بىلەن پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ ئۆز ئارتۇقچىلىقى بار، ھەممىسى خەلقئارا سۇ تىرانسپورت تۈگۈنىنىڭ مۇھىم ئورنىغا جايلاشقان، جۇڭگونىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ھەمكارلىق تەشەببۇسى بىلەن نۇرغۇن پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىيات يىرىك پىلانى يۈكسەك دەرىجىدە ماسلاشقان. جۇڭگو، پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى بىلەن بىر يولدا مېڭىپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىقتىساد-سودا مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، قول تۇتۇشۇپ ئىجتىمائىي تۈزۈمى، تەرەققىيات باسقۇچى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشىمايدىغان دۆلەتلەر بىلەن دوستانە ھەمكارلىق ئۈلگىسى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خى…
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە يار…
    ·2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئ…
    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ
    ·غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى شىنج…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى