خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەت بويىچە 100 دىن ئارتۇق ساياھەت سودىگەرلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ كۈنەس ناھىيەسى نارات مەنزىرە رايونى مەملىكەت بويىچە 100 ساياھەت سودىگەرلىرى زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، ناھايىتى ئېسىل يايلاق مەدەنىيىتى كاتتا زىياپىتى ئۆتكۈزدى،
قازاقچە ئۇسسۇل « قارا يورغا »، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىشىش، قىز قۇۋار، ئات ئۈستىدە تەڭگە تىرىش قاتارلىق ئەنئەنىۋى مىللىي ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى ئارقا - ئارقىدىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنىڭ قىزغىنلىقىنى قوزغىدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى