باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كامبودژا تاراتقۇسىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى

سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىغان، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى قوشنا، چىن دوستلاردىن بولايلى

2016.10.13 13:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، يەنى 12- ئۆكتەبىر كامبودژانىڭ «كامبودژا نۇرى» گېزىتىدە «سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىغان، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى قوشنا، چىن دوستلاردىن بولايلى» دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى. ماقالىنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:

  سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىغان، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى قوشنا، چىن دوستلاردىن بولايلى

  جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ

  كامبودژا پادىشاھلىقىنىڭ پادىشاھى سىخامونىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، كامبودژا پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن. بۇ مېنىڭ جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى بولغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم كامبودژادا زىيارەتتە بولۇشۇم، مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتتىن زور ئۈمىد كۈتۈۋاتىمەن.

  كامبودژا قەدىمكى دېڭىز يىپەك يولىدىكى مۇھىم جاي، ئۇزاق، شانلىق تارىخىي مەدەنىيەت ۋە ئۆزگىچە كىخمېر مەدەنىيىتىگە ئىگە. ئەمگەكچان ۋە پاراسەتلىك كامبودژا خەلقى كىشىنىڭ كۆزىنى قاماشتۇرغۇدەك ئاڭكور قەدىمىي يادىكارلىقىنى بەرپا قىلغان، ئۇنىڭ ھەشەمەتلىك ئىمارەتلىرى ۋە قاپارتما تام سىزمىلىرى ناھايىتى ئوخشىتىپ سىزىلغان، كىشىلەر ئاپىرىن ئوقۇماي تۇرالمايدۇ، شۇنداقلا ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى تارىخىدا ئۆچمەس سەھىپىلەرنى قالدۇرغان. 21 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندىن كېيىن، كامبودژانىڭ دۆلەت قۇرۇلۇشى ئىشلىرى بارغانسېرى راۋاجلىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى، كەلگۈسىگە ئۈمىد باغلاشقا بولىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر