باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

2016.10.14 15:04   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ كامبودژا پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13- ئۆكتەبىر مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن فىنوم پېنغا بېرىپ، كامبودژا پادىشاھلىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى باشلىدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈش سائەت 12دىن 25 مىنۇت ئۆتكەندە، مەخسۇس ئايروپىلان فىنوم پېن خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلۈمچىسىدىن چىققاندا، كامبودژانىڭ مۇئاۋىن باش ۋەزىرى، قوشۇمچە ئوردا ئىشلىرى ۋەزىرى شاھزادە گونسانئو ۋە شاھزادە چاكراپوڭ، مەلىكە ئاللېن قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا قىزغىن قارشى ئالدى، ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرەپىدە رەتلىك تىزىلدى. كامبودژا ئۆسمۈرلىرى شى جىنپىڭغا ھالقىسىمان ياسالغان يەسىمەنگۈلى سوۋغا قىلدى. يەرلىك ئامما جۇڭگو ۋە كامبودژا رەھبەرلىرىنىڭ سۈرىتىنى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت بايرىقى ۋە گۈلدەستىلەرنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.

  شى جىنپىڭ كامبودژا خەلقىدىن سەمىمىي ھال سورىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن كامبودژا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىشىدىغان، بىر-بىرىدىن سىر ساقلىمايدىغان ياخشى قوشنا، چىن دوست. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغان 58 يىلدىن بۇيان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرى ئورتاق بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن جۇڭگو بىلەن كامبودژانىڭ ئىناق دوستلۇقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئۆزگىرىشىنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، داۋاملىق چوڭقۇرلاشتى. ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ چوڭقۇر راۋاجلىنىشى ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلگەندىن سىرت، يەنە رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال تۆھپە قوشتى. كامبودژا رەھبەرلىرى بىلەن ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ جۇڭگو-كامبودژا ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ كۆپ بەخت-سائادەت ئاتا قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىدا تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپن…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئەزەلدىن مەملىكەتلىك 100 كۈچلۈك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ قاتارلىقلارنى باھالاش ۋە …
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئ…
    ·شىنجاڭنىڭ 2017- يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خى…
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى شەھەر - يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىنىڭ «ئىككىنى كەچۈرۈم قىلىش، بىرگە يار…
    ·2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ ئىمتىھان پىروگراممىسىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى ئ…
    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ
    ·غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى شىنج…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك