باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزلەرنى قايتۇرۇش پىلانى» تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىلىدۇ

2016.10.13 14:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى 12- سېنتەبىر، «يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزلەرنى قايتۇرۇش پىلانى»نى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ چىقىدىغانلىقىنى، قانۇن بەلگىلىمە بويىچە يەرلىك ھۆكۈمەتلەر قايتۇرۇش كېرەك بولغان كارخانىلارنىڭ ئارقىغا سۆرەلگەن قۇرۇلۇش پۇلى، ئەشيا سېتىۋېلىش پۇلى، كاپالەت پۇلى قاتارلىقلارغا قارىتا، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مۇددەتكە بۆلۈپ قايتۇرۇش پىلانى تۈزۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  خەلق ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرغان نۇقتىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلىش ئۈچۈن، تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا خەلق ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى بىر قانچە سىياسەت-تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىپ، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى ياخشىلاش، مۇناسىۋەتلىك مالىيە-باج سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش مۇلازىمەت تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى تۈزۈش-تۈزىتىش قاتارلىق ئالتە تەرەپتىكى 26 تۈرلۈك كونكېرت چارىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر