باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى كېلەر يىلى 27 مىڭ مەمۇر قوبۇل قىلىدۇ

2016.10.14 15:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 14- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى، دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى تەشكىللىگەن 2017- يىللىق مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئاپپاراتلارغا ئىمتىھان ئېلىپ مەمۇر قوبۇل قىلىش خىزمىتى يېقىندا باشلىنىدىكەن، تىزىملىتىش ۋاقتى 15- ئۆكتەبىردىن 24- ئۆكتەبىرگىچىكەن.

  بۇ قېتىم مەركىزىي كومىتېت ئورگىنى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپارات، مەمۇرلار قانۇنىدىن پايدىلىنىپ باشقۇرۇلىدىغان 120دىن ئارتۇق ئىش ئورنىغا 27مىڭ كىشى قوبۇل قىلىش پىلانلانغان. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىدۇ. ئاممىۋى پەنلەرنىڭ يېزىقچە ئىمتىھانى 27- نويابىر ھەر قايسى ئۆلكە مەركىزى شەھىرى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەركىزىي شەھىرى، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر ۋە قىسمەن چوڭراق شەھەرلەردە بىر ۋاقىتتا ئېلىنىدۇ.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر