- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قازاقىستان ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئۈچ جىنايەتچىنى تۇتتى
2016.10.13 14:15 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: قازاقىستان بىخەتەرلىك تارماقلىرى، قازاقىستاننىڭ بىخەتەرلىك مۇلازىمەت ئورگىنىغا ھۇجۇم قىلىشنى پىلانلىغان ئۈچ جىنايەتچىنى پايتەخت ئالمۇتادا قولغا چۈشۈرگەن. قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى 11- ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: قانۇننى ئىجرا قىلغۇچى خادىملار جىنايەتچىلەرنى قولغا چۈشۈرگەندە، ئۆزلىرى ياسىغان بومبا قاتارلىق بۇيۇملارنى بايقىدى. بۇ يىل 7-ئايدا، قازاقىستاننىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئالمۇتا شەھىرىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسى بىلەن دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ بىناسى قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، كۆپلىگەن ساقچىلار قازا قىلغان ئىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر