باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت يىغىنى 13- ئۆكتەبىر ب د ت نىڭ كېيىنكى نۆۋەتلىك باش كاتىپىنى رەسمىي تەيىنلىدى

2016.10.13 14:15         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  71- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ رەئىسى تاڭمۇسىن 11- ئۆكتەبىر ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە خەت يېزىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ 13- ئۆكتەبىر يىغىن ئىچىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ كۆرسىتىشى بىلەن گۇترىسنى كېيىنكى نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا رەسمىي تەيىنلىگەنلىكىنى بىلدۈردى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھازىرقى باش كاتىپى بان كىموننىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بۇ يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. يېڭى باش كاتىپنى سايلاش تەرتىپى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرلىرى باشلانغان. بۇ يىل 7-ئايدىن باشلاپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشى ئىلگىرى كىيىن بولۇپ نامزاتلارغا ئالتە نۆۋەت قاراتمىلىقى بولغان ھالدا ئاۋاز بەردى، گۇترىس ئىزچىل تۈردە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى. 6- ئۆكتەبىر، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت بىردەك 71- نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ گۇترسىنى بان كىموننىڭ ئورنىغا كېيىنكى نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلىشىگە قوشۇلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر