باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

4-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا مۇنبىرى شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى

2016.10.13 14:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شياڭگاڭ «بىر بەلباغ بىر يول»خەلقئارا تەتقىقاتخانىسى ئۇيۇشتۇرغان 4-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا مۇنبىرى ماجىرالارنى بىر تەرەپ قىلىش مېخانىزمى 11-ئۆكتەبىر شياڭگاڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇنبەرگە ئىچكى جايلار، شياڭگاڭ ھەمدە باشقا دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ مۇتەخەسسىس، ئالىملىرى، سودىيەلىرى، كارخانىچىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، «بىر بەلباغ بىر يول»نى چۆرىدىگەن ھالدا ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى باش تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەندى ۋە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىلدى.

  جۇڭگو ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى خې رۇڭ سۆز قىلغاندا مۇنداق دېدى: «بىر بەلباغ بىر يول»نىڭ سودا سېلىنمىسى پۇل مۇئامىلە كۆلىمىنىڭ كېڭىشىگە ئەگىشىپ، ماجىرالار ۋە تالاش-تارتىشلارمۇ كۆپەيدى، بىر يۈرۈش ھەل قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىش زۆرۈر شۇنداقلا بۇ ئەمەلىيەتنىڭ ئېھتىياجى.

  شياڭگاڭ «بىر بەلباغ بىر يول» خەلقئارا تەتقىقات ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ گۈيگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىر بەلباغ بىر يول» ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمى تۈرلۈك ماجىرالارنى ھەل قىلىش شەكلىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىدۇ.

  ئەلى بابا گۇرۇھىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى سۈن جۈنگوڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلار يەر شارى سودىسىنىڭ ئاساسلىق گەۋدىسىگە تەدرىجىي ئايلانماقتا، ئەنئەنىۋى باشقۇرۇش ھەمدە ماجىرالارنى ھەل قىلىش شەكلى بىلەن ئىنتېرنېت دەۋرى دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولمايدۇ. ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار ماجىرالارنى ھەل قىلىشنى قانۇنىي يولغا كىرگۈزۈش جەمئىيەتنىڭ تەقەززاسى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر