- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شى جىنپىڭ كامبودژا، بېنگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم ھىندىستاننىڭ گوئا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ
2016.10.11 15:39 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لۇ كاڭ 10-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: كامبودژا پادىشاھى سىخامونى، بېنگال خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى خەمېد، ھىندىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭلىسى مودىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 13-ئۆكتەبىردىن 17-ئۆكتەبىرگىچە كامبودژا، بېنگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدۇ ھەم ھىندىستاننىڭ گوئا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدۇ.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىز 10-ئۆكتەبىر جۇڭگو-چەت ئەل تاراتقۇلىرىنى خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچتى. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى لى باۋدوڭ، مىنىستىر ياردەمچىسى كوڭ شۈەنيۇ ئايرىم-ئايرىم ھالدا رەئىس شى جىنپىڭنىڭ پات ئارىدا كامبودژا، بېنگالدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىغا ھەم ھىندىستاننىڭ گوئا ئىشتاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 8-قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىدىغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر