باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

2016-يىلى، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق كۆك تاشلىق كىتابى ئېلان قىلىندى

2016.10.11 15:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتى تەشكىللەپ تۈزگەن «جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرى تەرەققىياتى دوكلاتى (2016)» (ئىنسانىي ھوقۇق كۆك تاشلىق كىتابى) رەسمىي ئېلان قىلىندى. بۇ، جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان كەينى-كەينىدىن نەشر قىلىپ تارقاتقان 6-قىسىم ئىنسانىي ھوقۇق كۆك تاشلىق كىتابى ھېسابلىنىدۇ.

  كۆك تاشلىق كىتاب بىر ئومۇمىي دوكلات، 17 مەخسۇس دوكلات، ئىككى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش دوكلاتى ۋە دېلو مىسالىنى تەتقىقاتى ۋە ئىككى ئىلاۋە، جەمئىي 300 مىڭ خەتتىن تەركىب تاپقان. كۆك تاشلىق كىتابتا، 2015-يىلىدىكى جۇڭگو ئىنسانىي ھوقۇق ئىشلىرىدىكى يېڭى ئىلگىرىلەشلەر تونۇشتۇرۇلۇپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-ئومۇمىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بەش چوڭ تەرەققىيات ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىدىكى بېيىتىلىشى ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇشى تەھلىل قىلىنىپ، فاشىزىمغا قارشى ئۇرۇش غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش مەزگىلىدىكى تىنچلىق ھوقۇقى مۇلاھىزە قىلىنغان ۋە يەر شارى كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جۇڭگونىڭ مۇستەقىل تۆھپە قوشۇنىنىڭ مۇھىت ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىكى ئەھمىيىتى تونۇشتۇرۇلغان.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر