خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىۋېتسىيە خام جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيەسى 10-ئۆكتەبىر، ئولىۋېر خارت بىلەن بېنگىت خولمسترومنىڭ پۈتۈم نەزەرىيەسى جەھەتتىكى تەتقىقات تۆھپىسىنى تەقدىرلەش ئۈچۈن، ئۇلارغا 2016-يىللىق نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتى بېرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
نوبېل ئىقتىسادشۇناسلىق مۇكاپاتىنى باھالاش كومىتېتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچى ئىككىيلەن تۈزگەن يېڭى پۈتۈم نەزەرىيەسى قورالى، رېئال تۇرمۇشتىكى پۈتۈم بىلەن تۈزۈم، شۇنداقلا پۈتۈم لايىھەسىگە يوشۇرۇنغان نۇقسانلارنى چۈشىنىشتە ئىنتايىن مۇھىم قىممەتكە ئىگە.
باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن پۈتۈملەر پايچىكلار بىلەن يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىلار، سۇغۇرتا شىركىتى بىلەن ئاپتوموبىل ئىگىسى، جامائەت ئاپپاراتى بىلەن تەمىنلىگۈچى سودىگەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنداق مۇناسىۋەتلەرنىڭ دائىم مەنپەئەت توقۇنۇشى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، پۈتۈمنى چوقۇم مۇۋاپىق لايىھەلەپ، ھەر قايسى تەرەپنىڭ ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان قارار چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ يىلقى مۇكاپاتقا ئېرىشكەن نەتىجە پۈتۈم نەزەرىيەسىنى مۇكەممەللەشتۈردى، ئىككى ئىقتىسادشۇناس بىر ئەتراپلىق رامكا تۈزۈپ، پۈتۈم لايىھەسىدىكى نۇرغۇن ئوخشىمىغان مەسىلىلەرنى تەھلىل قىلدى، مەسىلەن: يۇقىرى قاتلام باشقۇرغۇچىلارنىڭ نەتىجە ئۈنۈم مائاشى، سۇغۇرتىنىڭ ئۆزى تۆلەيدىغان سوممىسى بىلەن ئورتاق چىقىم قىلىدىغىنى ۋە جامائەت تارماقلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇش ۋەھاكازالار.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى