باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسىنى ئېلان قىلدى

ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ

2016.10.11 14:21         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرىمىز جۇڭ شيۇلىڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى بىلەن ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىرلىكتە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» (تۆۋەندە «چارە» دېيىلدى) نى ئېلان قىلىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش ۋە كەسىپ جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى بېرىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. بۇ «چارە» 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلدى.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغى «شەخس ۋە ئورۇنلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى» ۋە «ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى» دىن ئىبارەت ئىككى تۈردىكى چىقىمغا ئايرىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەبلىغىنى باشقۇرۇشتا ئاساسلىقى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار، نامرات ئائىلىلەردىكى ئەمگەكچىلەر، شەھەر - بازارلاردىكى «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە» ۋە ئايال ئەمگەكچىلەر قاتارلىق ئىشقا ئورۇنلىشىشى تەس بولغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلىشىگە نۇقتىلىق مەدەت بېرىلىپ، نامرات رايونلار، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمەت، ۋەزىپىسى ئېغىر رايونلارغا مۇۋاپىق مايىللاشتۇرۇلۇپ، ئوخشاشمىغان كىشىلەر ۋە رايونلار ئارىسىدا ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

   بۇنىڭ ئىچىدە شەخسلەر ۋە ئورۇنلارغا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، كەسپىي ماھارىتىنى باھالاش ياردەم پۇلى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى، جامائەت پاراۋانلىقى ئىش ئورنى ياردەم پۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىدىكى پىراكتىكا ياردەم پۇلى، خىزمەت ئىزدەش، ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى، ئىش ئورنى ياردەم پۇلى چىقىمى، ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ ئىشقا ئورۇنلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ياردەم پۇلى ۋە باشقا چىقىملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ياردەم پۇلى ئىشقا ئورۇنلىشىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇلازىمىتى ياردەم پۇلى ۋە يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ياردەم پۇلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  «چارە» دە مۇنۇلار بەلگىلەندى: كەسپىي ماھارەت بويىچە تەربىيەلەش ياكى ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغانلار ئۆز جايىدىكى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىغا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ، ئىلتىماس ماتېرىيالى ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بېكىتىشىدىن ئۆتكەندىن كېيىن، مالىيە تارماقلىرى بەلگىلىمە بويىچە ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ئىلتىماس قىلغۇچى بانكىدا ئاچقان شەخسىي ئىسچوتىغا بىۋاسىتە يۆتكەپ بېرىدۇ، ھەر بىر كىشىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1800 يۈەن ياردەم مەبلىغى بېرىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە شىنجاڭلىق ئەمگەكچىلەرنى قوبۇل قىلىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرغان تۈرلۈك كارخانىلار ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدۇ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ياردەم پۇلى تارقىتىشتا «ئاۋۋال تاپشۇرۇش، كېيىن تولۇقلاش» چارىسى يولغا قويۇلىدۇ.

  كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭ دائىرىسى يېڭىچە شاگىرتلىق تۈزۈمى بويىچە تەربىيەلەشكە قاتنىشىدىغان خىزمەتتىكى كارخانا ئىشچى - خىزمەتچىلىرى ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى تىزىملانغان ئىشسىزلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پىرىنسىپ جەھەتتە بىر كىشى بىر يىلدا كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلى، ئىگىلىك تىكلەش بويىچە تەربىيەلەش ياردەم پۇلى ۋە دۆلەت ئورتاق تىلى بويىچە تەربىيەلەش ياردەم پۇلىدىن بىرلا قېتىم بەھرىمەن بولىدۇ، كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولغاندا تەربىيە مۇددىتى ئەڭ ئۇزاق بولغاندا 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ.

  كىچىك ئاشپۇزۇل، كىچىك ماگىزىن ئاچقانلار ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ياكى ئۆز ئالدىغا ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى ئېلىشقا بولىدۇ. ئاپتونوم رايون مالىيەسى مەخسۇس مەبلەغ ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرغان مەھەللىلەر ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم مەبلىغى ئالىي مەكتەپ ۋە ئوتتۇرا تېخنىكوملارنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلىشالمىغانلار، شەھەر - بازارلاردىكى «ئىشقا ئورۇنلاشقانلار يوق ئائىلە»لەر ۋە نامرات ئائىلە ئەزالىرى ئاچقان كىچىك ماگىزىن، ئاشخانا، كىچىك تاللا بازىرى، كىچىك دۇكان، كىچىك ئاشپۇزۇل قاتارلىق مىكرو ئىگىلىك تىكلەش تۈرىگە ئىشلىتىلىدىغان ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بولۇپ، ياردەم پۇلى ئۆلچىمى 5000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. ئوقۇۋاتقان ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ، كەسپىي مەكتەپ، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنى پۈتكۈزۈپ ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار، ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە سودا - سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى (ياكى قانۇندا بەلگىلەنگەن باشقا رويخەتكە ئېلىپ تىزىملاش رەسمىيىتى) ئېلىپ ئۈچ ئايدىن ئارتۇق تىجارەت قىلغانلارغا بىر قېتىمدا 2000 يۈەن ئىگىلىك تىكلەش ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھەر بىركىشى پەقەت بىر قېتىم بەھرىمەن بولالايدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلىنى تەكرار ئىلتىماس قىلىپ ئېلىشقا بولمايدۇ.

  جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەر ئىش ئورنى ياردەم پۇلى ۋە ئاساسىي قاتلامدا ئىشقا ئورۇنلىشىش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر