باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تاراتقۇلار ئامېرىكىنىڭ ئىككى زۇڭتۇڭ نامزاتىنىڭ قارا ماتېرىيالىنى يەنە بىر قېتىم ئاشكارىلىدى

2016.10.10 16:14         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  9-ئۆكتەبىر ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر ۋە دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتلىرى ترامپ بىلەن ھىلارىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ئۆتكۈزۈلۈش ئالدىدا، بۇ ئىككى نامزات يېقىندا بىر بىرىنىڭ سەتچىلىكىنى ئاشكارىلاپ سىياسىي شەخسلەرنىڭ ئەخلاق چېكىگە زەربە بەردى بۇ ئامېرىكىدىكى ئاساسلىق جامائەت پىكىرىنىڭ رەدېيەسىگە ئۇچرىدى.

  «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» ئۈلۈشكۈن ترامپنىڭ 2005-يىلى ناھايىتى قوپال سۆز قىلغانلىقى توغرىسىدىكى ئۇن ئالغۇ لېنتىسىنى ئېلان قىلدى، بۇ ئاياللارنى ھاقارەتلىگەنلىكى توغرىسىدىكى سۆزلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ۋىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تور بېكىتى يېقىندا خاككېرلارنىڭ ھىلارىنىڭ ۋول كوچىسىدا سۆزلىگەن يۇقىرى باھادىكى نۇتۇقىنىڭ قىسمەن مەزمۇنى ۋە ھىلارى سايلام لاگېرىنىڭ قىسمەن ئېلخەتلىرىگە ئېرىشكەنلىكىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن گەپ سۆزلەر ھىلارىنىڭ مەيدانى بىلەن ئوخشىمايدىكەن، ئامما ئەمدى ھىلارىنىڭ سەمىمىيىتىدىن گۇمانلىنىشى مۇمكىن.

  ترامپنىڭ بۇ ئۈن لېنتىسى جامائەت پىكىرى ۋە سىياسىي داۋالغۇش پەيدا قىلدى. ھىلارى لاگېرى ۋە پارلامېنتتىكى دېموكراتلار پارتىيەسى ئالىي قاتلىمىدىكىلەر قاتتىق ئەيىبلەپلا قالماستىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ رەئىسى پرىبېس، ئاۋام پالاتاسىنىڭ باشلىقى پائۇل رىيان ھەمدە جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى بايانات ئېلان قىلىپ: «ترامپنىڭ سۆزلىرىگە تاقەت قىلىپ تۇرۇشقا بولمايدۇ» دېدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى بىر قىسىم ئەزالىرى ترامپنىڭ سايلامدىن چېكىنىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  ئۈن لېنتىسى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، ترامپ قىسقىغىنا بايانات ئېلان قىلىپ كەچۈرۈم سورىدى، لېكىن: «بۇ ئۈن لېنتىسى ماڭا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ» دېدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھىلارىنىڭ يولدىشى، دېموكراتلار پارتىيەسىدىن بولغان سابىق زۇڭتۇڭ كىلىنتوننىڭ خۇپىيانە قىلغان سۆزلىرى مېنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ، دېدى.

  ۋىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تور بېكىتى ئېلان قىلغان ھىلارىنىڭ ۋول كوچىسىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىنىڭ ماقالىسىدا، ھىلارى سودا ۋە چېگرانى ئېچىۋېتىشنى تەشەببۇس قىلغان، لېكىن ئۇ سايلام مۇساپىسىدە ئۇنىڭ «ئاتلانتىك ئوكياندىن ھالقىغان شېرىكلىك مۇناسىۋەتلەر كېلىشىمى»ھەققىدىكى مەيدانى قوللاشتىن قارشى تۇرۇشقا ئۆزگەرگەن، قانۇنسىز كۆچمەنلەرنى قايتۇرۇۋېتىش مەسىلىدىكى مەيدانىمۇ ئېنىق بولغان. يېڭىدىن ئاشكارىلانغان بۇ قارا ماتېرىياللار ھىلارىنىڭ چوڭ سايلامغا ئاۋاز بېرىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتى زەخىمگە ئۇچرىغان ئوبرازىنى ياخشىلىشى تەس، ۋىكى مەخپىيەتلىكنى ئاشكارىلاش تور بېكىتى: «ھىلارى ھەققىدىكى تېخىمۇ كۆپ قارا ماتېرىياللارنى ئاشكارىلايمىز» دېگەن، بۇ ئۇنىڭ ئاق سارايغا يۈرۈش قىلىش مۇساپىسىدا ئاۋام پەرەز قىلىش قىيىن بولغان تېخىمۇ زور قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر