باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى

2016.10.10 16:17         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئېلىمىز ھازىر ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئورگىنى ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 28 دۆلەت بىلەن مۇقىم بولغان مائارىپ ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، ھەمدە فىرانسىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە قاتارلىق ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا 19 دۆلەت بىلەن ئالىي مائارىپ ئوقۇش تارىخى ۋە ئىلمىي ئۇنۋانىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىغان.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن ئاچقان خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنىدىن ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو-ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر مائارىپ مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە 4-نۆۋەتلىك جۇڭگو-ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپا مائارىپ سىياسىتى سۆزلىشىشى 11-ئۆكتەبىر ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

  ئوقۇشىمىزچە، جۇڭگو بىلەن ياۋروپانىڭ ئوقۇش نومۇرىنى ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش، ئىككى تەرەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك تەڭپۇڭ يۆتكىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى ئىكەن. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر ئېلىمىز ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئۆگەنگۈچىلىرى ئوقۇشقا بارىدىغان ئاساسلىق مەنزىللەرنىڭ بىرى ئىكەن. 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزدىن ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرگە بېرىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى 300 مىڭدىن ئېشىپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار سانىنىڭ %24 ىنى ئىگىلەپ، 2014-يىلىدىكىدىن %7.5 ئاشقان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر