خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئۆكتەبىر خەلق سارىيىدا پورتۇگالىيە زۇڭلىسى كوستا بىلەن كۆرۈشتى.
شى جىنپىڭ كوستانىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى ھەم جۇڭگو-پورتۇگال تىلى دۆلەتلىرى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق مۇنبىرىنىڭ 5-نۆۋەتلىك مىنىستىرلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو-پورتۇگالىيە خەلقىنىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 37 يىلدىن بۇيان، ئۆز ئارا چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش، بىر-بىرىگە ئىشىنىش ۋە قوللاش−−ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسى بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن پورتۇگالىيە يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەرنىڭ ئۇچرىشىشى كۆپىيىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول، ئادىمىيەت ئالاقىسى رەڭدار، كۆپ خىل بولۇپ، زور خەلقئارا ۋە رايون ئىشلىرى مەسىلىسىدە زىچ ھەمكارلىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنى ئۈزلۈكسىز بېيىدى.
(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)
مەنبە: خەلق تورى