باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىگە ئائىت ئىككى قارارى ماقۇللانمىدى

جۇڭگو سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى

2016.10.09 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى 8-ئۆكتەبىر سۇرىيە مەسىلىسىگە چېتىشلىق ئىككى ئوخشىمىغان قارارنى ئاۋازغا قويدى، لېكىن ئىككى قارارنىڭ ھەممىسى ماقۇللانمىدى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جيېيى سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى فىرانسىيە بىلەن ئىسپانىيە تۈزگەن بىر قارار لايىھەسى ۋە رۇسىيە تۈزگەن يەنە بىر قارار لايىھەسىنى ئاۋازغا قويدى، لايىھە مەزمۇنلىرىنىڭ ھەممىسى سۇرىيە مەسىلىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، ھەممىسى ماقۇللانمىدى. جۇڭگونىڭ ب د ت دا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: خەلقئارا جەمئىيەت سۇرىيە مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش چوڭ يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، سۇرىيەگە ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ سۆھبەت ئارقىلىق تالاش-تارتىشنى تۈگىتىپ، ئۇرۇشنى ئىمكانقەدەر بالدۇر ئاخىرلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك.

  ليۇ جيېيى مۇنداق دېدى: خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسىدە قوللانغان ھەرىكىتى چوقۇم ۋەزىيەتنى ھەقىقىي پەسەيتىشكە، سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتىنى دەرھال توختىتىپ، ب د ت نىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك قۇتقۇزۇشىنى قوللاش ۋە ماسلىشىشىغا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ تىزىملىكىدىكى «شام ئىسلام دۆلىتى»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق تېررورلۇق كۈچلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشكە، ب د ت نىڭ ياراشتۇرىشىدا، سىياسىي يول بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەر تەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان ھەل قىلىش لايىھەسى تۈزۈشكە پايدىلىق بولۇشى كېرەك.

  (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر