باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 39 - قېتىملىق دائىمىي يىغىن ئاچتى

2016.10.09 15:15         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 8 - ئۆكتەبىر ئېچىلغان ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 39 - قېتىملىق دائىمىي يىغىنىدا، «جۇڭگو. شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى −− جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى تەرەققىيات پىلانى (2020 - 2016 يىللىق)»، «ئاپتونوم رايونلۇق جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بايلىقىنى قوغداش ۋە كەسىپ تەرەققىيات پىلانى (2020 - 2016 يىللىق)» قاتارلىق ئىشلار مۇزاكىرە قىلىندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭيى دورىگەرلىكى، بولۇپمۇ مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۆزگىچە سەھىيە بايلىقى، غايەت زور يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە ئىقتىسادىي بايلىق، ئەسلىي ئىجادىيەت ئەۋزەللىكىگە ئىگە پەن - تېخنىكا بايلىقى، مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت بايلىقى ۋە مۇھىم ئېكولوگىيە بايلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينىماقتا.

  «جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى تەرەققىيات پىلانى»دا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونىدىكى «بەش چوڭ مەركەز»نىڭ ئومۇمىي ئورنى ۋە جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ تەرەققىيات ئالاھىدىلىكى بويىچە، شىنجاڭنى يىپەك يولىدىكى داۋالاش، پەن تەتقىقات، مائارىپ، بايلىق، كەسىپ، مەدەنىيەت ئالاقىسى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن، ھەر تەرەپكە تۇتاشتۇرۇلغان، ئۆز ئارا تەسىر كۆرسىتىدىغان، بىر - بىرىگە تايانچ بولىدىغان ئالتە چوڭ مەركەز قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنىڭ خاس ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئالاقە ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئىشلىرى بىلەن تېببىي دورىگەرلىك كەسپىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پىلاندا، كەلگۈسى تۆت يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى رامكىسىدىكى تەرەققىيات نىشانى ۋە مۇھىم ۋەزىپىسى مۇنداق بەلگىلەندى: ئاپتونوم رايون، چېگراغا جايلاشقان ۋىلايەت، ئوبلاست، ناھىيە، شەھەر ۋە چېگرا پورتلىرىدا كۆپ قاتلاملىق جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بويىچە تاشقى ساغلاملىق مۇلازىمەت سىستېمىسى قاتارلىق نىشانلارنى دەسلەپكى قەدەمدە تۈزۈش؛ دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ۋە ساغلاملىق كەسىپلىرى توپىغا تايىنىپ، تېببىي دورا مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت - ئېكسپورت قىلىش سودىسىنى كېڭەيتىپ، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ياخشى تاماملاش.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەت يارىتىپ بەردى، ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىيەت خاراكتېرىگە ئىگە بايلىق قوغداش ۋە كەسىپ تەرەققىيات پىلانىنى تېزدىن ئوتتۇرىغا قويۇش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ساغلاملىق كەسپىنىڭ ئىلمىي، تەرتىپلىك، تېز تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىلىق. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ماددىي ئاساسىدۇر، شۇنداقلا، يېشىل، ئېكولوگىيەلىك گۈللىنىۋاتقان كەسىپتۇر. جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇش تېببىي دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  «جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بايلىقىنى قوغداش ۋە كەسىپ تەرەققىيات پىلانى»دا، دورا ماتېرىياللىرىنى قوغداش، ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلەپچىقىرىش، كەسىپكە تۈرتكە بولۇش قاتارلىقلار كەسىپ زەنجىرى بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرۇلدى. پىلاندا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكى بايلىقىنى قوغداش ۋە كەسىپ پىلانلاش تەرەققىيات نىشانى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىگە دائىر دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشنى تاماملاش، بايلىق ۋە ئېچىشقا مۇناسىۋەتلىك نۇقتىلىق رايونلارنى بېكىتىش، دورا ماتېرىياللىرىنى جانلىق تەكشۈرۈش ۋە ئۇچۇر مۇلازىمەت سۇپىسى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىش؛ جۇڭيى دورىگەرلىكى ۋە مىللىي تېبابەت دورىگەرلىكىگە دائىر ياۋا دورا ماتېرىياللىرى بايلىقىنى قوغداش قۇرۇلۇشى، دورا ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكا مۇلازىمىتى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق مۇھىم ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلارمۇ مۇزاكىرە قىلىندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر