باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا «شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش» پىلانى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويۇلۇپ، توكلۇق ئاممىۋى قاتناش، تاكسى، شەخسىي ئاپتوموبىللار تەرەققىي قىلدۇرۇلىدۇ

2016.10.09 15:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا «<13-بەش يىللىق> توكلۇق ئاپتوموبىلغا توك قاچىلاش ئۈسكۈنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش پىلان لايىھەسى»نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭنىڭ « شىنجاڭنى ئېلېكتىرلەشتۈرۈش» پىلانىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ يولغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۈرۈمچى، قاراماي قاتارلىق ئىقتىسادى نىسبەتەن تەرەققىي قىلغان رايونلاردا تۇنجى تۈركۈمدە نۇقتىدا سىناق قىلىنىدۇ، 2020 - يىلىغا بارغاندا، ئېلېكتىرونلۇق ئاپتوموبىلنى ئومۇملاشتۇرۇش كۆلىمى 14مىڭ 200گە، يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان توك قاچىلاش پونكىتى 100 گە، زەرەتلەش تۈۋرۈكى 7300گە يەتكۈزۈلىدۇ.

  «پىلان لايىھەسى»دە كۆرسىتىلىشىچە، شىنجاڭدا ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل ئىشلىتىش تەدرىجىي كېڭەيتىلىدىكەن. 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاممىۋى قاتناشتا يېڭىلانغان، يېڭىدىن كۆپەيگەن توكلۇق ئاپتوبۇسنى ئىشلىتىش نىسبىتى % 80 تىن تۆۋەن بولمايدىكەن، BRT ئاپتوبۇسىنى كۆپەيتىشتە پۈتۈنلەي ساپ توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىنىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇرۇلۇش، ئەشيا ئوبوروتى ئاپتوموبىلى، مۇھىت ئاسراش ئاپتوموبىلى ۋە ساياھەت ئاپتوموبىلى مەخسۇس توك قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلىدىكەن.

  تاكسىلار نەزەردە تۇتۇلۇپ، زىچ يولۇچى سېلىش رايونى قاتارلىق رايونلاردا تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكى مۇۋاپىق جايلاشتۇرۇلىدىكەن ۋە قۇرۇلىدىكەن، 2020- يىلىغا بارغاندا، ئاپتونوم رايون بويىچە يېڭىدىن 30 ئاممىۋى توك قاچىلاش پونكىتى ۋە 10 مىڭ 900 جامائەت تېز زەرەتلەش تۈۋرۈكى كۆپەيتىلىدىكەن. شەخسىي ئاپتوموبىل ئىگىلىرىنى نەزەردە تۇتۇپ، يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق ئۆي رايونلىرىدىكى ئاپتوموبىل توختىتىش ئورنىدا %100 زەرەتلەش ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى قۇرۇش تەلەپ قىلىنىدىكەن، ھازىرقى تۇرالغۇ ئولتۇراق رايونىدا نىسبەت بويىچە زەرەتلەش تۈۋرۈكى ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، بۇ ئارقىلىق خۇسۇسىي توكلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش، ئىشلىتىش كۆلىمى كېڭەيتىلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر