- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى قەلىمىدىكى ئۇزۇن سەپەر
2016.10.09 14:57 مەنبە: خەلق تورى
1934- يىلى 9- ئاينىڭ 29- كۈنى، «قىزىل جۇڭخۇا» گېزىتى شۇ چاغدىكى جۇڭخۇا سوۋېت جۇمھۇرىيىتى مەركىزىي ئىجرا كومىتېتى خەلق كومىتېتىنىڭ رەئىسى جاڭ ۋېنتيەننىڭ «ھەممىسى سوۋېتنى قوغداش ئۈچۈن» ناملىق ئىمزالىق باش ماقالىنى ئېلان قىلدى، ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: بەزىدە دۈشمەننىڭ ئەۋزەل ھەربىي كۈچىنىڭ بېسىمى ئالدىدا، بەزى سوۋېت رايونلىرى ۋە شەھەرلەردىن ۋاقتىنچە ۋاز كەچمىسەك بولمايدۇ... قامال لېنىيەلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، باشقا رايونلارغا يۆتكىلىپ، قىزىل ئارمىيە ئاساسىي كۈچىنىڭ جانلىق كۈچلىرىنى ساقلاپ قېلىش، شۇ چاغدىكى زۆرۈر ۋەزىپە بولۇپ قالىدۇ.
1935- يىلى 11- ئاينىڭ 25- كۈنى، مەركىزىي قىزىل ئارمىيەنىڭ شەنشىنىڭ شىمالىغا غەلبىلىك يېتىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، قىزىل جۇڭخۇا ئاگېنتلىقى خەۋەر، يېزىق ۋە رادىيونى ئەسلىگە كەلتۈردى، «قىزىل جۇڭخۇا» گېزىتىمۇ شۇ كۈنى تارقىتىشنى ئەسلىگە كەلتۈردى. نەچچە كۈندىن كېيىنكى «قىزىل جۇڭخۇا» گېزىتىدە، «ئۇزۇن سەپەر» دېگەن سۆز رەسمىي كۆرۈندى، خەۋەردە، «25- ئارمىيە ۋە مەركىزىي قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ، شەنشىنىڭ شىمالىغا يېتىپ كەلدى»، غەلبىلىك ھالدا شىمالغا يۈرۈش قىلىپ ياپونغا قارشى تۇرۇشتىكى مەنزىلگە يېتىپ كەلدى، دېيىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر