باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ھايتىدا قارا بوران سەۋەبلىك قازا قىلغانلار سانى تېزلىكتە ئاشتى

«مەسسيۇ» ئامېرىكىغا يېتىپ باردى

2016.10.09 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ ھايتى خەلق مۇداپىيە تارماقلىرى جەملىگەن سانلىق مەلۇماتلارنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 7- ئۆكتەبىرگىچە، كۈچلۈك قارا بوران «مەسسيۇ» ھايتىنىڭ جەنۇبىي قىسمى ۋە شىمالىي قىسمىدا 877دىن ئارتۇق كىشىنىڭ قازا قىلىشىغا زامىن بولغان، ھېلىھەم تەخمىنەن 61مىڭ 500 نەپەر ئامما پاناھلىق ئورنىدا تۇرماقتا ئىكەن.

  بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «مەسسيۇ» ھازىر ئۇدا شىمالغا يۆتكەلمەكتە ئىكەن . 7- ئۆكتەبىر ئۇ قارا بوران ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا شىتاتىغا يېتىپ بارغاندا، فىلورىدا شىتاتىدا ئاز دېگەندە تۆت كىشى قازا قىلغان، پۈتۈن شىتات بويىچە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۆيدە توك توختىغان. بىر قىسىم ئاپەتكە ئۇچرىغان رايونلار «ئالۋاستى شەھىرى»گە ئوخشاپ قالغان، ئامېرىكا دۆلەتلىك ئاۋىياتسىيە-ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ ئۆگزىسى ھەتتا ئۇ قارا بوراندا بۇزۇلۇپ كەتكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر