باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

پوسكامدا دېھقانلار چىلاندىن نەپكە ئېرىشتى

2016.10.08 16:13   مەنبە: خەلق تورى

پوسكامدا دېھقانلار چىلاندىن نەپكە ئېرىشتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبرىمىز تۇرسۇن راخمان خەۋىرى ، فوتوسى) پوسكام ناھىيەسىدە ھازىرغىچە تولۇق مېۋىگە كىرگەن سەرخىك مول ھوسۇللۇق چىلانلىق باغ كۆلىمى 200 مىڭ موغا، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى چىلانلىق كۆلىمى 100 مىڭ موغا يېتىپ، چىلان بۇ ناھىيەدىكى دېھقانلارنڭ ئىقتىسادىي كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، نامرتلىقتىن قۇتۇلۇشىدىكى كوزىر مەھسۇلات بولۇپ قالدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل پوسكام ناھىيەسىدە چىلان كۆچەتلىرىنىڭ تۈرلۈك پەرۋىشلىرى تەلەپ بويىچە ئوبدان ئىشلەنگەنلىكى ئۈچۈن، چىلانلار ئوبدان ئوخشاپ، چىلان ئومۇمى مەھسۇلات مىقدارىنىڭ 80 مىڭ توننىغا، مەھسۇلات قىممىتىنىڭ 800 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يېتىشى مۇقىملاشقان. مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەن دېھقانلار نۆۋەتتە ئۈرۈمچى، ئاقسۇ، قەشقەر، ئاتۇش قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن چىلان سودىگەرلىرى بىلەن چىلان سودىسى كېلىشىمى ئىمزالاش بىلەن بىللە، چىلان يىغىۋېلىش، سېتىپ چىقىرىشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا ئىشلىگەن.

  سۈرەتتە: 7-ئۆكتەبىر، كۈيباغ يېزىسىنىڭ قەمبە كەنتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش چىلانلىق بېغىدا تېخنىكىلار دېھقانلار بىلەن چىلاننىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش كېلەر دۈشەنبە باشلىنىدۇ
    ·غەربىي شىمال رايونى بويىچە تۇنجى 4.0 ئەقلىي ئىقتىدارلىق مائارىپ قۇرۇلۇشى ئەمەلىي مەشىق مەركىزى شىنج…
    ·ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشىنى خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك
    ·قىرغىزىستاندا ئالاھىدە زور تورت ياسىلىپ، ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىشلىتىلدى
    ·ئەزەربەيجان ئاساسى قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسىنى ئومۇمي خەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھاتىدا «ئىككى ئىمتىھان بىرلەشتۈرۈلۈپ»، «نومۇرغى…
    ·«خەلق ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ قەسەم سۆزى»گە ئاشكارا پىكىر ئېلىنماقتا
    ·شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 15 يىللىق ھەقسىز مائارىپنى تەدرىجىي ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ  
    ·قايسى خىل ئاساسىي مائارىپ كەلگۈسىگە ماسلىشالايدۇ؟
    ·پۈتۈن كۈنلۈك ۋە پۈتۈن كۈنلۈك بولمىغان تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلار بىر تۇتاش باشقۇرۇلىدۇ