باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

سىن (ۋىدېيو) كەسپىدىكى ئۈچ چوڭ قىززىق نۇقتا دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدۇ

2016.10.08 16:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بۈگۈنكى كۈندە، سىن كەسپىدىكى ئۇنىۋېرسال سىن ساھەسىنىڭ ۋەزىيىتى مۇقىملاشتى، بىراق بازارنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغاندا، يوشۇرۇن ئېقىملار كۆپلەپ چىقىپ، نۇرغۇن ئىجادىيەتلەر مەيدانغا كەلمەكتە. يىگۈەن ئەقىل ئامبىرىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى لوۋ ياڭ يېقىندا جۇڭگو تور ئۈن-سىن كەسپلىرى مۇنبىرىدە، ھازىر سىن ساھەسىدىكى جانلىق ئابونتلار سانىنىڭ 350 مىليونغا يېقىنلاشقانلىقىنى، بۇنىڭ ئىچىدە ئۇنىۋېرسال سىندىن كېيىنلا تۇرىدىغىنى قىسقا سىنلار ۋە ۋېرتىكال سىنلار ئىكەنلىكىنى؛ بۇنىڭدىن باشقا، بىۋاستە كۆرسىتىش كەسپىنىڭمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  قىسقا سىنلار بازىرى سۇپىسىدا، كۇەيشوۋ، مېيپەي ۋە شياۋكاشيۇ دېگەندەك كەسىپلەر ئابونتلار ۋە يول تېخنىكىسى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلەرگە تايىنىپ، ئالدىنقى ئورۇندا تۇرماقتا. ئۆز تاراتقۇ-ئېلان بۆلۈپ تارقىتىش سۇپىسى ۋېيبويى (微播易)نىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016- يىلى چاغاندىن باشلاپ، ۋېيبويى قۇبۇل قىلغان خېرىدارلار زاكازلىرى ئىچىدە، قىسقا سىنلارغا بولغان ئېھتىياج مىكرو بىلوگ (微博)دىن ئېشىپ كەتكەن؛ بۇنىڭ ئىچىدە، %90كە يېقىن ئابونتلار نىسبىتىنى ئىگىلەيدىغان 25 ياشتىن تۆۋەن ياش ئابونتلار قىسقا سىنلارغا دىققەت قىلغان.

  بۇنىڭدىن باشقا، تور سىن كەسپلىرى تەرەققىياتىنىڭ كۈنسىرى پىشىپ يېتىلىشى ۋە توردىكى سىنلارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنىڭ كۈچەيتىلىشىگە ئەگىشىپ، قىزىقىشتىن باشلانغان نۇرغۇن ۋېرتىكال سىن تور بېكەتلىرىنىڭ يۈرۈشتۈرۈلۈشىمۇ بارغانسىرى مۇنتىزىملاشتى. مەسىلەن، A بېكەت 60 مىليون دوللارلىق بىرىنچى ئايلانما مەبلەغ كىرگۈزۈشنى تاماملىدى؛ سىرتتىن كەلگەن مەزمۇنلارنى كونترول قىلغىلى بولماسلىق خەۋپىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، B بېكەت دۆلەت ئىچى كارتونلىرىنى نۇقتىلىق يۆلىدى ۋە كېڭەيتتى.

  قىسقا سىنلار ۋە ۋېرتىكال سىنلارغا سېلىشتۇرغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە، بىۋاستە كۆرسىتىشنىڭ ئايلىق جانلىقلىق سانى ھەسسىلەپ ئاشقان. جۇڭگو مەبلەغ سېلىش مەسلىھەتچىلىكىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2015- يىلى، مەملىكەت بويىچە بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىسىنىڭ سانى 200گە يېقىنلاشقان، ئابونتلار 200 مىليونغا يەتكەن، چوڭ تىپتىكى بىۋاستە كۆرسىتىش سۇپىلىرىدا ھەر كۈنى ئاۋات مەزگىلدە ئوخشاش ۋاقىتتا توردىكى ئادەم سانى تۆت مىليونغا يېقىنلاشقان. لوۋ ياڭ سەمىمىيلىك بىلەن، «پارتلاش شەكلىدىكى تەرققىيات ئەمدىلا باشلاندى، چېكىگە يېتىشكە تېخى بالدۇر»، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر