سۈرەتتە: 8- ئۆكتەبىر، باي ناھىيەسى باي بازىرى كانچى مەھەللىسىدىكى ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرى نومۇر ئورۇنلىماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قۇربان سايىم خەۋىرى، فوتوسى) باي ناھىيەسى بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەزمۇن قىلىنغان 100 كۈنلۈك ئەدەبىيات-سەنئەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى قېزىش، تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەل ئىچى سەنئەتكارلىرىنى مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇنلاشقا تەشكىللەپ، ئاممىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى