خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىر زۆھرەگۈل ھامۇت خەۋىرى، ئەخمەت ئەمەت فوتوسى) شايار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن كەنتكە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت تەۋەسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە ئىشتىياق باغلىغان بىر تۈركۈم دېھقان شائىر-يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە يەنىمۇ ئىلگىرىلىشى ئۈچۈن، مول مەزمۇنلۇق كىتابلارنى سوۋغا قىلدى ھەم ئۇلار يازغان ھېكايە، شېئىر، نەسىر قاتارلىق تۈرلۈك ژانېردىكى ئەسەرلىرىنى تەھرىرلەپ، ھەر قايسى مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتىپ بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە 3-مەھەللە كومىتېتى ئەزاسى خەيرىنىساگۈل ئېزىزنىڭ «بارچە دېھقان ئاتلاندۇق» ناملىق ناخشا تېكىستى «شايار» ئۇنىۋېرسال ژۇرنىلىنىڭ 1-سانىدا ئېلان قىلىنىش بىلەن بىللە، شايار ناھىيەلىك سەنئەت ئۆمىكى تەرىپىدىن راۋاب قوشىقى قىلىپ ئاھاڭغا سېلىنىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كىشىلىرى سۆيۈپ ئوقۇيدىغان خەلق قوشىقىغا ئايلاندى. ئۇنىڭ يەنە «سىڭلىمغا» ناملىق بىر پارچە شېئىرى «شىنجاڭ گېزىتى»گە، سۇلايمان شاكىرنىڭ «پارتىيەم شەنىگە» ناملىق ماۋزۇ ئاستىدىكى ئالتە پارچە شېئىرى ئايرىم-ئايرىم «ئاقسۇ گېزىتى» ۋە «شايار» ئۇنىۋېرسال ژۇرنىلىغا، تۇرەيسەم ئىسلامنىڭ «ئانا مېھرى» ناملىق نەسىرى «شايار ئۇنىۋېرسال ژۇرنىلى»غا سۇنۇلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى