باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى گۇتېررىسنى كېيىنكى نۆۋەتلىك ب د ت باش كاتىپلىقىغا كۆرسەتتى

2016.10.08 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىكى 15 ئەزا دۆلەت 6- ئۆكتەبىر، 71- نۆۋەتلىك ب د ت قۇرۇلتىيىغا پورتۇگالىيەنىڭ سابىق زوڭلىسى، ب د ت مۇساپىرلار ئىشلىرى بويىچە سابىق ئالىي خادىمى ئانتونىيو گۇتېررىسنى بان كىموننىڭ ئورنىغا كېيىنكى نۆۋەتلىك ب د ت باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىشنى بىردەك ماقۇللىدى.

  خەۋپسىزلىك كېڭىشى شۇ كۈنى باش كاتىپ نامزاتىنى تەۋسىيە قىلىش مەسىلىسى ئۈستىدە يېپىق يىغىن ئاچتى. خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بۇ ئايلىق نۆۋەتچى رەئىسى، روسىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋەكىلى چۇركىن يىغىندىن كېيىن تاراتقۇلارغا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىپ، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا 15 دۆلەت ۋەكىللىرىنىڭ شۇ كۈنى چاۋاك چېلىش شەكلىدە، ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ گۇتېررىسنى كېيىنكى نۆۋەتلىك باش كاتىپلىققا سايلاش تەكلىپى بېرىشنى، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىنىڭ 2017- يىلى 1- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن 2021- يىلى 12- ئاينىڭ 31- كۈنىگىچە بولىدىغانلىقىنى بىردەك ماقۇللىغانلىقىنى ئېيتتى.

  گۇتېررىس بۇ يىل 67 ياشتا بولۇپ، 1995- يىلدىن 2002- يىلغىچە پورتۇگالىيەنىڭ زوڭلىسى بولغان، 2005- يىلى 6- ئايدىن 2015- يىلى 12- ئايغىچە، گۇتېررىس ب د ت مۇساپىرلار مەھكىمىسىنى باشقۇرغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر