باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئوبزور

ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانىدا كېلەر يىلى نۇقتىلىق ناھىيەلەر قاپلىنىدۇ

2016.10.08 15:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ يېقىندا مائارىپ مىنىستىرلىقىدىن ئۇقۇشىچە، بۇ يىل يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنى يەرلىكتە كېڭەيتىش سىناق خىزمىتى باشلانغان، 2017-يىلى دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلىرى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى بىلەن تولۇق قاپلىنىدىكەن.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا بىرلىشىپ چىقارغان «ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانىنىڭ يەرلىكتىكى سىناق دائىرىسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلىرىنى تولۇق قاپلاش ھەققىدىكى پىكىر»دە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلەتنىڭ نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ناھىيەلىرىنى ئوزۇقلۇق ياخشىلاش پىلانى بىلەن تولۇق قاپلاش-نامراتلارنى دەل يۆلەش سىياسىتىنى مەركەزلىك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. پىكىردە مۇنۇلار تەكىتلەندى: يەرلىكتىكى سىناققا ئېھتىياجلىق مەبلەغ يەرلىكنىڭ مالىيە خامچوت كاپالىتىگە كىرگۈزۈلىدۇ، مەركەز مالىيەسى ئالدىنقى يىللىق يەرلىك مالىيە سېلىنمىسى، تەشكىللەپ باشقۇرۇش، يولغا قويۇش ئۈنۈمى قاتارلىق ئامىللارغا ئاساسەن، مۇكاپاتلاش خاراكتېرلىق تولۇقلىما بېرىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، 2011-يىللىق كۈزلۈك ئوقۇش مەۋسۇمىدىن تارتىپ، دۆلەت مەركەزلىك تۇتاشما ئالاھىدە نامرات جايلاردا يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى سىناق خىزمىتىنى يولغا قويغان. مەركەز مالىيەسى سىناق رايونلىرىدىكى يېزا مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى ئوقۇغۇچىلارغا ئوزۇقلۇق ياخشىلاش تولۇقلىمىسى ئاجرىتىپ، پۈتۈن يىلدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش ۋاقتىنى 200 كۈن بويىچە ھېسابلاپ، ھەر ئوقۇغۇچىغا كۈنلۈكى ئۈچ يۈەن تولۇقلىما بەرگەن، بۇنىڭغا كېرەكلىك مەبلەغنىڭ ھەممىسىنى مەركەز مالىيەسى ئۈستىگە ئالغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر